ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان خىتاي تاۋارلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكى خىتاي - ئامېرىكا ئالىي دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. پرېزىدېنت بۇش يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئاۋسترالىيىدە كۆرۈشكەندە سۈپەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، خۇ جىنتاۋ بولسا سۈپەت مەسىلىگە جىددىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا چارشەنبە كۈنى چاقىرىلغان بىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تاۋارلاردىكى "خىتايدا ئىشلەندى " دېگەن بەلگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ قالغانلىقىنى ۋە خىتاي تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىغان قانۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.
"خىتايدا ئىشلەندى" دېگەن بەلگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ قالدى
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترالىيىدە پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي ئېكسپورت تاۋارلىرىدا بايقالغان سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى، سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك يىغىنىدا مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئويۇنچۇقلارغا قوغۇشۇن ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى يەنىلا خىتاي تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىغان قانۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلماقتا .
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ خىتاي ئېكسپورت قىلغان ئويۇنچۇقلاردىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى تېما قىلىنغان چارشەنبە كۈنكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، بەزى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاي تاۋارلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە قويۇلىدىغان تەلەپنى كۈچەيتىدىغان قانۇن بەلگىلىمە چىقىرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى سام بروۋېنبەك، تاۋارلاردىكى" 'خىتايدا ئىشلەندى ' دېگەن بەلگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ رولىنى ئوينايدىغان بەلگە بولۇپ قالدى " دەيدۇ. ئۇ يەنە، خىتاي تاۋارلىرىغا تەدبىر قوللىنىش ۋاقتى كېلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مەسىلە بالىلار، ئىستىمالچىلار ۋە ئەمەك ھايۋانلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. بۇنىڭدا سەۋىر تاقىتىمىز قالمىدى. بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى" دەپ كۆرسەتتى.
كارخانىلار بىزنىڭ سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىمىزگە يېتىشى كېرەك
كېڭەش پالاتاسى خىتاي تاۋارلىرىنىڭ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرغان مەزگىل، ئامېرىكا ئىستىمالچىلار بىخەتەرلىكىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەئىسى نەنسى نورد بىلەن خىتاي دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋېي چۈەنجۇڭ، ۋاشىنگتوندا خىتاي ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، خىتاي بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا قوغۇشۇن ماددىسى ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بەرگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.
كېڭەش پالاتاسىنىڭ چارشەنبە كۈنكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى دىك دۇربىن خىتاي كارخانىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىلىقلار مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، "بىز ئېكسپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي كارخانىلىرىغا شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش لازىم، دەپ قارايمىزكى، ئامېرىكا بىزنىڭ ئىستىمالچىلىرىمىز ۋە ئائىلىمىزنىڭ سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ھەرگىز يول قويمايدۇ. كارخانىلار بىزنىڭ سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىمىزگە يېتىشى كېرەك " دەيدۇ. دىك دۇربىن يەنە، ئويۇنچۇقلارنىڭ بىخەتەرلىك سېستىمىسىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ياۋروپا ئىستىمالچىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلە
خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭلا ئەمەس، بۇ يەنە ياۋروپانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان ۋە ياۋروپا ئىستىمالچىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىدۇر.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سەھىيە كومىسسارى ماركوس كوپىرىئانو، ئەگەر خىتاي مەھسۇلاتلىرى ياۋروپا پۇقرالىرىنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت يەتكۈزسە، ئىتتىپاقنىڭ خىتاي ماللىرىنى توسايدىغانلىقىنى چەتكە قاقمىدى. ئۇ بېيجىڭدىكى بىر قېتىملىق سۆزىدە، "خىتاي ماللىرىنى چەكلەش بىزنىڭ ئاخىرقى تەدبىرىمىز. لېكىن بۇ بىزنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ئالىدىغان ئاخىرقى چارىمىز " دەپ تەكىتلىگەن.
ۋېي چۈەنجۇڭ بەزى مەھسۇلاتلاردا مەسىلە بايقالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان
ئامېرىكىنىڭ Mettal شىركىتى خىتايدىن بالىلار ئويۇنچۇقى ئىمپورت قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر شىركەت يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى بىر قانچە قېتىم ئامېرىكا بازىرىدىكى بەزى خىتاي ئويۇنچۇقلىرىنى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن يىغىۋالغان ئىدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ چارشەنبە كۈنكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا Mettal شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى روبېرت ئېكېرت، ئىستىمالچىلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورىدى ۋە خىتايدا ياسالغان ئويۇنچۇقلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى چىڭىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار Mettal شىركىتىنىڭ مەھسۇلات بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە بوي سۇنۇشى كېرەك. بۇ مەھسۇلاتلارنى بوياشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
Mettal شىركىتى بەزى ئويۇنچۇقلارنىڭ سىر تەركىۋىدە ناھايىتى كۆپ مىقداردا قوغۇشۇن بايقالغانلىقىنى ۋە بۇ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ ئويۇنچۇقلارنى يىغىۋالدى. خىتاي دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋېي چۈەنجۇڭ، ۋاشىنگتوندىكى زىيارىتىدە بەزى مەھسۇلاتلاردا مەسىلە بايقالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئىككى دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىدىكى پەرقلەر ، لايىھىلەش جەريانىدىكى سەۋەنلىكلەر ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ مەسىلىنى كۆپتۈرۈۋىتىشى قاتارلىقلار سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)