ئامېرىكىدا "زەھەرلىك مەھسۇلات" لارنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش ھەرىكىتى قوزغاش چاقىرىقى مەيدانغا كەلدى


2007.10.04

يېقىندىن بۇيان، بالىلار ئويۇنچۇقى تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا قوغۇشۇننىڭ مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى كۆرۈنگەنلىكى سەۋەبلىك، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى شېررود براۋن ئەپەندى ۋە ئامېرىكا بىرلەشمە پولات-تۆمۈر ئىشچىلار بىرلەشمىسى بىرلىكتە " بالىلىرىمىزنى قوغداپ، زەھەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتايلى" ناملىق ھەرىكەت باشلىدى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ تەركىبىدىكى قوغۇشۇننىڭ مىقدارىنى كۆزىتىپ تۇرۇشتا دىققىتىنى قوزغاش ئىكەن.

"ئەرزان ماللارغا تۆلەيدىغان بەدەل بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتى"

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا، ئامېرىكا پولات-تۆمۈر ئىشچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى لېئو گەراردنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ھازىرغا قەدەر بىخەتەرلىك جەھەتتە مەسىلە بار ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىدا توسالغۇسىز ئىمپورت قىلىنىشىدا بىر نەچچە تۈرلۈك سەۋەبلەر بار ئىكەن.

كارخانا باشقۇرۇشتىكى ئاچ كۆزلۈك، 25، 30 يىللىق خاتا سودا سىياسىتى سەۋەبىدىن خىزمەت پۇرسىتىنى چەتئەللەرگە بېرىپ قويۇش قاتارلىقلارنىڭ، ئۆتكەنكى بەش يىل مابەينىدە بەش مىليون ئەتراپىدىكى خىزمەت پۇرسىتىنىڭ قولدىن كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن لېئو گېرارد ئەپەندى: "شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ مەھسۇلاتلارنى ياساش جەريانىمۇ چەتئەللىكلەرگە بېرىۋېتىلدى. نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان زاۋۇت- كارخانىلار تاقىلىپ كەتتى. ئاقىۋەت، مانا بىز بالىلىرىمىزنى خەتەرلىك بۇيۇملار ئارىسىغا تاشلاپ قويدۇق. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىز ئەرزان ماللارنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىمىز كېرەكمىش. ئەمما بۇ ئەرزان ماللارغا تۆلەيدىغان بەدەل بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتى" دەيدۇ.

ئىستېمالچىلارنى مەھسۇلاتلار تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارىنى قانداق ئۆلچەش جەھەتتە تەربىيىلەش

ئۇنىڭ قارىشىچە يەنە، ئامېرىكىدا سېتىلغان ناچار سۈپەتلىك مەھسۇلاتلاردىن بۇلغانغان يېمەكلىك، مەسىلە بار چىش پاستىسى، ساختا ماشىنا بالونى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئادەمنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغان يېرى، زەھەرلىك خىمىيىۋى تەركىبى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى بولغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ بولۇشى ئىكەن.

مەزكۇر بىرلەشمە باشلىغان " زەھەرلىك ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنى توختىتىش ھەرىكىتى" نىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئامېرىكىلىق ئىستېمالچىلارنى مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىبىدىكى قوغۇشۇن تەركىبىگە نىسبەتەن سەگەكلىكىنى ئۆستۈرۈشتىن باشقا، ئىستېمالچىلارغا تاۋار بۇيۇملار تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارىنى قانداق ئۆلچەش جەھەتتە تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىش ئىكەن.

بۇ پائالىيەتنى پولات ‏- تۆمۈر ئىشچىلار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىشىپ باشلىغان پالاتا ئەزاسى براۋن ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكىدا نۇرغۇنلىغان خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ يىغىۋېلىنىشى ئامېرىكا سودا سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ كارخانىلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " ئامېرىكا كارخانىلىرى خىتايغا ۋە ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە بېرىپ مەھسۇلات پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارماقچى بولغاندا، ئۇلار چوقۇم قارشى تەرەپ ھۆددىگىرىدىن مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق ئىكەن مەھسۇلاتلارنىڭ ساختىلىشىشى ياكى خەتەرلىك بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئېشىپ كېتىدۇ."

ھازىرغا كەلگۈچە، 20 مىليون دانىدىن ئارتۇق خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلدى

بۇ يىل 8-ئاۋغۇستتىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئويۇنچۇق ياساش شىركىتى ماتتېل، خىتايدا ياسىتىپ ئۆزى بازارغا سالغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرى تەركىبىدە ئادەمگە زىيانلىق زەھەرلىك ماددا قوغۇشۇن بايقالغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان ئىدى. ماتتېل شىركىتى، دەسلەپكى قېتىملىقى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشىنى 1- ئاۋغۇست چىقىرىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھازىرغا كەلگۈچە 20 مىليون دانىدىن ئارتۇق خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى.

دەۋرى ژۇرنىلىنىڭ 17 ‏- سىېنتەبىردىكى سانىدا " قورچاق دۇنياسىدىكى ئاۋارىچىلىك" ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ 80 پىرسەنتىنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

شۇ سەۋەب بىلەن، ئامېرىكىدا خىتاي ماللىرىغا نىسبەتەن بىر خىل ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، كۈز پەسلىدىكى بايرام مەزگىلى كېلىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا بۇ يىللىق بايراملىق بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى سېتىۋېلىشتا ھەرخىل گۇمانسىراش تۇيغۇلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

بۇ مەسىلىگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددىي قارىماقتا

شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىلىق ئىستېمالچىلارنى قوغداش ۋە بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن 12- سېنتەبىر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى ھەمدە بۇ يىغىنغا ماتتېل شىركىتىنىڭ باشلىقلىرى ۋە بىرقانچە يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى چاقىرتىپ كېلىنگەن ئىدى.

يىغىن جەريانىدا دۇربېن ئەپەندى ئامېرىكا تەرەپنىڭ بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرىدىغان ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياۋروپادىمۇ بەزى خىتاي ماللىرىنى چەكلەش پىكرى مەيدانغا كەلمەكتە

2- ئۆكتەبىر ‏- سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى رەئىسى مېگلېنا كۇنېۋا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن ئىمپورت قىلغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدا يەنە بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش ۋە خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتاينىڭ ئويۇنچۇق ياساش كارخانىلىرىنى كۆزىتىش جەريانىدا بايقالغان ئۇچۇرلارنى ئۆز ‏- ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۆتكەن ئايدا مېگلېنا كۇنېۋا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سودا كومىتېتىغا، بىخەتەرلىك ۋە سۈپەت ئۆلچەملىرىگە توشمايدىغان بىر نەچچە تۈرلۈك خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.