خىتاينىڭ بالىلار ئويۇنچۇقلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى بالىلىرى ئۈچۈن خەتەر ياراتماقتا


2007.07.23

خىتايلار ياسىغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى بازارلىرىنى قاپلاپ كەتكەن. نەتىجىدە، بۇ ئويۇنچۇقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تەلەپكە لايىق ھالدا بىخەتەر ياسالمىغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي بالىلار ئويۇنچۇقلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى بالىلار ئۈچۈن چوڭ خەتەر ياراتماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان "ئەل رىياد"گېزىتىنىڭ 2007- يىلى 21- ئىيۇل سانىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابدۇلئەزىز ھەسەننىڭ قەلىمى بىلەن ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە يېزىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىدىغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ %70 ئى خىتايدىن كېلىدىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى يىلىغا بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ئۈچۈنلا ئاز دېگەندە 700 مىليون سەئۇدى ئەرەبىستانى رىيالى (تەخمىنەن 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) چىقىم قىلىدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا بولغان تەلىپى يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ بېرىپ، يىلىغا %5 دىن ئېشىپ كېتىپ بارماقتا ئىكەن. خۇسۇسەن بالىلارنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىللىرىدە ۋە ھېيت ، بايرام كۈنلىرىدە خىتاينىڭ بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا بولغان تەلەپ تېخىمۇ كۆپىيىدىكەن. بۇنىڭغا ئەگىشىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەخسۇس ئويۇنچۇق بازارلىرىنىڭ سانى يىلىغا % 40 دىن كۆپىيىپ ماڭغان.

خىتاينىڭ بالىلار ئويۇنچۇقلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى بازىرىنىڭ %30 نى تەشكىل قىلىدۇ

دوكتور ئابدۇل ئەزىز ھەسەن يەنە مۇنداق دەپ يازغان:" ئېلېكترونلۇق بالىلار ئويۇنچۇقلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان بازارلىرىنىڭ %30 نى تەشكىل قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئويۇنچۇق بازارلىرىغا بىر يىل ئىچىدە 3 مىليوندىن كۆپرەك ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقلار كېلىدۇ.

بۇلاردىن 10 مىڭ تال ئويۇنچۇق تەلەپكە لايىق سانالسىمۇ، باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ھىيلە بىلەنلا ياسالغان ۋە بىخەتەرلىكى يوق ئويۇنچۇقلاردۇر. ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارنىڭ ئېلېكترونلۇق بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ مىقدارى ھەر بىر بالا بېشىغا 400 دوللاردىن كېلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارنىڭ %60 نىڭ ئۆيىدە ئاز دېگەندە بىر ياكى ئىككىدىن ئېلېكترونلۇق بالىلار ئويۇنچۇقى يېپىلىدۇ."

دوكتور ئابدۇل ئەزىز ھەسەننىڭ ئېيتىشىچە، پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقتىكى خىتايدىن كېلىدىغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ئۈچۈنلا سەرپ قىلىنىدىغان مەبلەغ مىقدارى يىلىغا بىر يېرىم مىليارتتىن ئاشىدىكەن. خۇسۇسەن، ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردىن سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، قاتار، كۇۋېيت قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەخسۇس بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان مەبلەغ مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن. پۈتۈن ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ئۈچۈنلا سەرپ قىلىنىدىغان يىللىق مەبلەغ مىقدارىنى شۇ مەملىكەتلەردىكى پۈتۈن بالىلارغا چاچقاندا، ھەر بىر بالا بېشىغا 263 دوللاردىن چۈشىدىكەن.

خىتايدىن كەلگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرى سەۋەبلىك بىر يىلدا 13 بالا ئۆلدى

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سۈپەت باھالاش كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدىن كېلىدىغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ، خۇسۇسەن ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقلارنىڭ سۈپىتى ناچار ۋە خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىسبىتىنىڭ نۆل دەرىجىدە بولغانلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن بالىلار ئويۇنچۇقلاردىن زىيانغا ئۇچرىغان. 2005- يىلى بىر يىل ئىچىدە ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقلاردىن كېلىپ چىققان خەتەر سەۋەبلىك 13 بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 40 مىڭدىن كۆپرەك بالا مېيىپ بولغان.

ئېلېكترونلۇق ئەمەس ئويۇنچۇقلاردىن زىيانغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپتۇر. بۇ ئويۇنچۇقلاردا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش يېزىلمىغانلىقتىن، ئويۇنچۇقلارنىڭ كىچىك پارچىلىرىنى كىچىك بالىلارنىڭ يۇتىۋېلىشى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن ئىكەن. شۇندىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەسئۇللار چەتئەللەردىن، خۇسۇسەن خىتايدىن كېلىدىغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولغان ئىكەن. (توختى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.