ۋاڭ لىشوڭنىڭ نەزىرىدىكى ساختا راي سىناش دوكلاتى


2008.01.07

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ۋە پەنلەر ئاكادېمىيىلىرى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە خەلقنىڭ رايىنى سىناش پائالىيەتلىرىنى تۇشمۇ - تۇشتىن ئېلىپ بارغاندىن سىرت يەنە خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىلىرى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى تۈرلۈك مەسىلىلەر بويىچە ئاق تاشلىق ۋە كۆك تاشلىق كىتابلىرىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ئومۇمىي تەرەققىيات قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە باشلىدى. يېقىندا جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خوڭكوڭ باپتىست ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 400گە يېقىن ئۇيغۇر ۋە خىتاي كىشىنىڭ رايىنى سىناپ، بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشوڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ۋاڭ لىشوڭنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر ساختا راي سىناش خۇلاسىسى

خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خوڭكوڭ باپتىست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار ئارىسىدا راي سىناش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. مەزكۇر راي سىناشتا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دۆلەت كىملىك چۈشەنچىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ "جۇڭگولۇق بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقى" ھەم "شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى "ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى خۇلاسىلانغان. ئەمما، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل يازغۇچى، يېقىندا " مېنىڭ غەربىي دىيارىم، سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ" ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى مەزكۇر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدا يالغانچىلىق بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ " شىياڭگاڭ جۇڭگو ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدىكى ساختا دوكلات" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتىكى ساختىلىقنى ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈشلەردە بولغان ۋاقىتلىرىدا ئېلىپ بارغان راي سىناشتا چىقارغان يەكۈنلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ.

ۋاڭ لىشوڭ جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خوڭكوڭ باپتىست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىدە "شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز" دېگەن سوئالغا %79.5 ئۇيغۇرنىڭ "ناھايىتى ياخشى" دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە %16.3 ئۇيغۇرنىڭ "ياخشى" دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە، مەزكۇر رايىنى سىناش پائالىيىتىدە چىقىرىلغان %85 ئۇيغۇرنىڭ "شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى "دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈشىچە ئاران %9.3 ئۇيغۇرنىڭ شۇنداق دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ۋاڭ لىشوڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان راي سىناشتا " ئۆزىنىڭ بىر جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان" ئۇيغۇرلارنىڭ %87.1 ئىكەنلىكى، ئەمما خەنزۇلارنىڭ %85 بولۇش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن ئىككى پرسەنت يۇقىرى بولغانلىق خۇلاسىسىنىمۇ ئوخشاشلا رەت قىلىپ، ئەمەلىيەتنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكى، ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈشىدە پەقەت %17.5 ئۇيغۇرنىڭ شۇنداق ھېسابلىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

راي سىناشنىڭ مەقسىتى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىللىقنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش

"شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى "،"ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى" ھەم " ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنىڭ جۇڭگو" ئىكەنلىكىنى بارلىق ئۇيغۇرلارغا سىڭدۈرۈش ھەم تېڭىش خىتاي ئاق تاشلىق كىتابلىرى، تەكشۈرۈش ھەم رايىنى سىناش نەتىجىلىرى شۇنىڭدەك تارىخى دەرسلىكلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ھەم ئالدىن بەلگىلەنگەن، ئۆزگەرمەس نۇقتىئىنەزەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندى، "خىتاي مۇنداق راي سىناش نەتىجىلىرى ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى خالايدىغان ئۇيغۇرلار ئاز بىر قىسىم ئادەملەر، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارشى، ئۇلار جۇڭگونى ھىمايە قىلىدۇ، دېگەننى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ،" دەيدۇ.

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى ماقالىسىدا، "خىتايدا ھۆكۈمەت ماسلاشماي تۇرۇپ، مىللىي مەسىلىلەرنى كەسپىي سەۋىيىدە تەكشۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. تەكشۈرۈشلەرنىڭ كەسپىي ئۆلچىمىدىن گۇمان قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. دوكلاتلاردىكى كاتەكچىلەر، ھېسابلاشلار، ئاتالغۇلار ۋە باشقىلار يېتەرلىك ئىلمىيلىككە ئىگە. بىراق، دوكلاتنىڭ چىقارغان تەھلىل خۇلاسىسىدا ئىلمىيلىك ۋە كەسپىيلىك يوق. ئەقەللىي ساۋات ئارقىلىقلا شۇنى بىلگىلى بولىدۇكى، ئەمەلىيەت پۈتۈنلەي ئەكسىچىدۇر. ئەگەر ئۇ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ھەقىقەتەن راست بولسا، ئۇ يەردە يەنە شىنجاڭ مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ، ئۇ چاغدا شىنجاڭ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق،" دەپ يېزىش بىلەن مەزكۇر ئىككى ئالىي مەكتەپنىڭ تەكشۈرۈشى خۇلاسىسىنىڭ ئەمەلىيەتتىن يىراق، ساختا دوكلات ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ.

ئىلشات ئەپەندى ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنىڭ يەكۈنلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى؛ ھەقىقەتەن خىتاينىڭ مۇنداق راي سىناشلىرىنىڭ تامامەن ساختا ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ قاچان ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەيدانىنى ئىپادىلىمەيدىغانلىقى، "ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىرىنىڭ سانىنىڭ خىتايلاردىن كۆپ" دېگەن بۇ خىل يەكۈننىڭ ساختا ھەم كۈلكىلىك ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارلا ئەمەس بەلكى خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى بۇنداق راي سىناشنىڭ ساختا بولۇشىدىكى مەسىلىنىڭ دەل بۇ ئىشلارغا ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشى ئىكەنلىكى، تەكشۈرگۈچى خادىملار تەكشۈرۈش جەدۋەللىرىنى ئالدىن بەلگىلەنگەن ئۇيغۇرنىڭ تولدۇرۇشىغا بېرىدىغانلىقى، خۇلاسىنىڭ ئاللا بۇرۇن بېكىتىلىپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق ھۆكۈمەت قاتناشقان راي سىناش سوئاللىرىغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي پوزىتسىيىسىنى يېزىپ، بۇ يازغانلىرىنىڭ سىياسىي زەربىگە ئۇچراش پاكىتى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.