خېفېي توپچى قىسىملار ئىنىستىتوتىدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ نىشانى ساختا ئۇنۋانغا قارشى تۇرۇش


2007.11.30

RiotPolice200.jpg
خىتاينىڭ ئىسياننى باستۇرۇش ساقچىلىرى. AFP Photo

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدىكى توپچى قىسىملار ئىنىستىتوتىدا 27 ‏- نويابىر كۈنى، ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى پارتلىغان. 28 ‏- نويابىر كۈنى بۇ ۋەقەنىڭ دائىرىسى مەزكۇر ھەربىي ئىنىستىتوتتىكى 8000 ئوقۇغۇچىغا كېڭەيگەن. ئۇلانىڭ ھەممىسى ئۆزى خالىغان شەكىل بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان. ئوقۇش توختىغان. مەكتەپ مۇھىتىنى ئەنسىزلىك، قالايمىقانچىلىق قاپلىغان. بۇ مەكتەپنىڭ ھەممە يېرىدە مۇشۋازلىق باشلانغان، قان تۆكۈلگەن. مەكتەپ ئەسلىھەلىرى بۇزۇپ تاشلانغان.

15 قەۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نەنجىن ھەربىي رايونىنىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ قوراللىق باستۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ياتاقنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن. بىنا قەۋەتلىرىدىكى ئىشىكلەر چىقىلغان. ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ياتاقلاردىكى نەرسە- كېرەكلەر سىرتقا چۆرىۋېتىلگەن. مەكتەپكە كىرگەن ساقچى ئاپتوموبىللىرى پاچاقلانغان. بۇنداق بىر جىددىي ۋەقەنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېخىچە خەۋەر قىلمىغان. خېفېي شەھىرىدىكى توپچى قىسىملار ئىنىستىتوتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ كۆرۈنۈشنى مۇشۇ ھەربىي مەكتەپنىڭ پېڭ فامىلىلىك بىر ئوقۇغۇچىسى رادىئومىزنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇخبىرىغا ئېتىپ بەردى.

بۇ ھەربىي مەكتەپتە يالغان ئۇنۋان ئالغانلار ناھايىتى كۆپ

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدىكى توپچى قىسىملار ئىنىستىتوتىدا ئۈچ خىل ئوقۇغۇچى بار. بىر خىلى مۇنتىزىم ھەربى. ئىككىنچى خىلدىكىسى يەرلىكتىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ھەربىي بولمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. ئۈچىنچى خىلدىكىلىرى تەربىيىلەپ بېرىشكە ھاۋالە قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار، بۇخىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش راسخوتىنى ئۆزى كۆتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ سانى 8000.

'ھاۋالە قىلىنغان ئوقۇغۇچى' دەپ ئاتالغان ئوقۇغۇچىلار نىڭ تۆت يىلدا تۆلەيدىغان ئوقۇش پۇلى 80 مىڭ يۇەندىن تۆۋەن ئەمەس. يېقىندا بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 4 ‏- يىللىق سىنىپتىكىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۈنۋانىنى دۆلەتمۇ، ھەربىي قىسىملارمۇ ئېتىراپ قىلمايدىكەن. بۇ مەسىلە 8000 ئوقۇغۇچىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان.

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدىكى توپچى قىسىملار ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ مەكتەپتە يالغان ئۇنۋان ئالغانلار ناھايىتى كۆپ. بۇ مەسىلە ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ھەربىي قىسىملار كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ مەكتەپتىن قوغلىغان، مەكتەپ ئىچىدە جىددىي مۇشۋازلىق بولۇپ كەتكەن:

بىركۈندىن كېيىن مەكتەپ دائىرىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىدىن تېنىۋالدى

27 ‏- نويابىر كۈنى بۇ ھەربىي مەكتەپنىڭ مەلۇم بىر خىزمەتچىسى مۇخبىرىمىزغا مەزكۇر ھەربىي مەكتەپتە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقە 6 ‏- پاكولتېتتىن پارتلىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئەمما 28 ‏- نويابىر كۈنى، ئۆزىنى مۇئەللىم، دەپ ئاتىغان بىر مەكتەپ خىزمەتچىسى، بۇ ھەربىي مەكتەپتە بېرەر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىدىن تېنىۋالدى. ئۇ سۆزىدە 'بەزى ئوقۇغۇچىلار ياخشى ئوقۇمايدۇ، ئۇلارنىڭ باشقا مۇددىئاسى بار، بۇنداق كىشلەر قاتتىق جازالىنىدۇ' دېدى ۋە مۇخبىرىمىزنى 'ھەربىيلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلاشما' دەپ رەت قىلدى.

بۇ ھەبىي مەكتەپ پىلانىدىن سرت ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ پۇل تېپىشقا كىرىشكەن، ھازىر ئۇنۋان بېرىش تەس كەلگەن

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدىكى توپچى قىسىملار ئىنىستىتوتىدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ، خىتاي ھەربىي قىسىملىرى بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ ھەربىي مەكتەپكە دائىر ۋەقەلەرنى بايان قىلغان ئىنتېنېت تور بەتلىرىنى تاقىدى.

خىتايدىكى ھەربىي مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى پىششق بىلىدىغان خوڭكوڭدىكى ھەربىي مۇتەخەسسىس خۇاڭ دۇڭ ئەپەندىنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ ھەربىي مەكتەپ گەرچە خىتايدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدەك بولمىسىمۇ، ئەمما خېلى تەسىرى بار مەكتەپ ئىدى. يېقىنقى يىللاردا، بۇ ھەبىي مەكتەپتە چىرىكلىشىش ئېغىر بولغان، ئۇلار مەكتەپنىڭ پىلانىدىن سىرت خەلق ئىچىدىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ پۇل تېپىشقا كىرىشكەن. ھازىر دېپلوم -ئۇنۋان بېرىش تەس كەلگەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.