خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەر كىشىلەر ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا(2)
2005.10.13
خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ساختا ھاراق، ساختا سۈت پارىشوگى، ساختا كۆكتات، ساختا گۈرۈچ، ساختا ئۇن، ساختا ماي قاتارلىق تۈرلۈك يېمەكلىكلەر پەقەت خىتاي ئۆلكىلىرىدىلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر ئىلىدىمۇ كۈنسېرى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ خىل يېمەكلىكلەر يەرلىك خەلقنى قاتتىق ئەندىشىگە قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئىستىمالچىلار مەزكۇر جايدىكى ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئىستىمالچىلارنىڭ بازاردىن يۈرەكلىك ھالدا يېمەك - ئىچمەك ئالالماس بولۇپ قالغانلىقىنى ھەمدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىر قوللانمايۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن يول قويۇش ئېغىر
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئايال سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ھازىر ئۈرۈمچىدە نۇرغۇنلىغان يەر ئاستى شەخسى يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت ئورگانلىرى بۇ جايلارنى تەكشۈرگەن ھالەتتىمۇ، قارشى تەرەپ ئەگەر ئۇلارغا ئازراق پايدا بېرىپ، ئارقا ئىشىك قىلسىلا، كۆرمەسكە سېلىپ، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر قىسىم ئىستىمالچىلار "ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساختا يېمەكلىكلەرنىڭ بارغانسېرى يامراپ كېتىشىدىكى سەۋەب، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك چارە -تەدبىرلەرنى قوللىنىش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بىر قىسىم يەر ئاستى يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا يول قويىۋاتقانلىقىدىن" دەپ بىلدۈرگەن.
ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشتا چىڭ ئەمەس
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ كىشى، ھازىر ئۈرۈمچىدە ساختا يېمەكلىلەرنىڭ ھەممىلا يەردە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە جىددىي چارە -تەدبىرلەرنى قوللانمايۋاتقان قانۇن ئورگانلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى مۇنداق ئىپادىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"ساختا مەھسۇلاتلار ھەممىلا يەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ نەپرەتلىنىمەن. چۈنكى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىشى كۆپلىگەن قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن شېرىكلىشىپ، قانۇنسىز قىلمىشلارغا يول قويىۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان. ئەگەر ئىچكى جەھەتتە ئۇلارنى يۆلەيدىغانلار بولمىسا، ساختا، ناچار سۈپەتلىك يېمەكلىكلەرنىڭ بۇ دەرىجىدە كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا مەنچە، قانۇننى كۆزگە ئىلماي ساختا مال ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلارنىڭ چوقۇم ئارقا تېرىكى بار. ئۇلار بىر قىسىم ھوقۇقدارلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئەمەلدارلارغا پايدا بېرىش ئارقىلىق، ئۆز سودىسىنى يۈرگۈزمەكتە. ئەمەلدارلار بولسا، پايدىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، پەقەت ۋەزىيەت بىر قەدەر جىددىيلەشكەندىلا، ئانچە - مۇنچە جەرىمانە قويۇپ، شەكىلۋازلىق قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ھارامزادىلەر يەنە باش كۆتىرىپ، ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ ".
ئاخبارات ئورگانلىرى مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ كىشى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، ساختا يېمەكلىكلەرنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھازىرقى بىر دىن - بىر ئامال، مەتبۇئات ئورۇنلىرى شۇنداقلا مۇخبىرلار بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپلەپ مەلۇمات بېرىپ تۇرۇشى ھەمدە ساختا يېمەكلىكلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ۋەقەلىكلەرنى توختىماي ئاشكارىلاپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ساختا يېمەكلىكلەر پەقەت خىتاي بازارلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىمۇ يامراشقا باشلىغان. گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال مەزكۇر جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى يېمەك - ئىچمەك بولسۇن ياكى كىيىم -كېچەك بولسۇن، ئاساسىي جەھەتتىن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىرى بولسىلا ئالماي، قىممەت بولسىمۇ گېرمانىيىنىڭ ئۆزىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ سۈپەتسىز ماللىرى چەتئەلدىمۇ ئەۋج ئالماقتا
نيۇ-يوركتا تۇرۇشلۇق خىتاي دېموكراتى شۆۋېي ئەپەندى، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىدىمۇ كۈنسېرى يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا يولۇقۇپ قېلىشىتىن ئىنتايىن قورقىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ مۇنداق دېدى:
"ھازىر ئامېرىكا بازارلىرىدا، بولۇپمۇ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان قۇۋەتلەندۇرگۈچى دورىلار ۋە يېمەكلىكلەر شۇنداقلا گىرىم بۇيۇملىرى دېگەندەكلەر بەكمۇ كۆپ، كىشىلەر بولسا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بۇ تۈردىكى ساختا مەھسۇلاتلارغا يولۇقۇپ قېلىشىتىن بەكمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى ساختا گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن ھامان ئادەمنىڭ يۈزىگە ھۈررەك چىقىپ ھەتتا يۈزنى يارا قىلىۋېتىدۇ. قۇۋەتلەندۇرگۈچى دورىلار ۋە يېمەكلىكلەرنىڭمۇ ھېچقانداق رولى بولمىغان. مەن ئۆتكەندە نىۋيورۇكتا زۇكام بولۇپ قېلىپ، بازارغا بېرىپ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر خىل زۇكام دورىسىنى ئالغان ئىدىم. بۇ خىل زۇكام دورىسى ناھايىتى ئەرزان بولۇپ، بۇرۇنلاردا ئىچسەم دەرھال پايدا قىلاتتى، لېكىن ئۇ قېتىم ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى. مەن دەسلەپتە زۇكىمىم بەك ئېغىر ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، كېيىن باشقىلار ئارقىلىق مەزكۇر زۇكام دورىسىنى خىمىيىلىك ئۇسۇلدا تەكشۈرتكۈزسەم، ئۇنىڭ ئىچىدە زۇكامغا پايدا قىلىدىغان تەركىپنىڭ بولۇشى بىرياقتا تۇرسۇن، پۈتۈنلەي رەڭ بېرىلگەن قوناق ئۇنىدا ياسالغان دورا ئىكەن"
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي دېموكراتى شۆ ۋېي ئەپەندى "خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ساختا مەھسۇلاتلار مەسىلىسىنى ھازىرچە پۈتۈنلەي بىر تەرەپ قىلىش ئىمكانىيىتى يوق، بۇ مەسىلىلەر پەقەت، خىتاينىڭ سىياسى قۇرۇلمىسىدا ئاز - تولا ئۆزگىرىش بولۇپ، كىشىلەردە ئەخلاق جەھەتتە بىر قەدەر ئىلگىرىلەش بولغاندىلا، ئاندىن بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەر كىشىلەر ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا(1)
- خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ساقتا ماللار ھەققىدە
- خىتاي، ھىندونېزىيىگە ۋاقتى ئۆتكەن يىمەكلىكلەرنى ياردەم ھېسابىدا بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ساختا زىرائەت ئۇرۇقى يامرىماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ساختا سۈت پارىشوگى ۋەقەسىگە چىتىشلىق ئەمەلدارلارنى جازالىماقچى