خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ مەدەنىيەتسىز قىلمىشلىرى يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا


2007.05.09

خىتاينىڭ 1 - ماي ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكى ئاخىرلاشتى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا بۇ يىللىق ماي ساياھەت ھەپتىلىكى ساياھەتكە چىققان ئادەم سانى ، ساياھەتچىلىك كىرىمى، ساياھەت ھەپتىلىكى ئوبوروتى جەھەتلەردە ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.

ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھەمدە باشقا تىللاردىكى تور بەتلەردىكى مۇلاھىزىلەردىن مەلۇمكى، بۇ ماي ساياھەت ھەپتىلىكىدە خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ قەدىمى تەككەن ساياھەت ئورۇنلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىغان. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى گۈزەل ساياھەت ئورۇنلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.

ساياھەت نۇقتىلىرى بۇزغۇنچىلىق بەدىلىگە ساياھەتتىن كىرىم قىلماقتا

خىتاي ھەم ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ساياھىتى نۆۋەتتە خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ بارغانچە دىققىتىنى تارتقان بولۇپ ، بۇ قېتىملىق ماي ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى گۈزەل مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىلىرى، نۇقتىلىق ئاسارە ‏- ئەتىقە ئورۇنلىرى ھەمدە ئالاھىدە ساياھەت تۈرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايلار ھەتتا شەھەر ئىچىدىكى باغچىلارمۇ كۆپ ساندىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەردىن تەركىپ تاپقان ئادەم دېڭىزىغا تولغان.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 8 - مايدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئۇيغۇر ئېلى ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بەش نۇقتىلىق ساياھەت ئورنىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىدە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بىر ھەپتىدە ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۈتىۋالغان ساياھەتچىلەر سانى 844 مىڭ ئادەم‏- قېتىمغا يەتكەن. كۈندىلىك ساياھەتچىلەرنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 548 مىڭ 600 ئادەم ‏- قېتىمغا يەتكەن.

ساياھەتچىلەرنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ گەرچە بۇ ساياھەت ھەپتىلىكىدە ساياھەتچىلىك كىرىمى 400مىليون يۈەندىن ئاشقان ‏- ساياھەتچىلەر قەدىمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ ساياھەت نۇقتىلىرىغا ئىقتىسادى كىرىم ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، شۇنىڭغا تەتۈر تاناسىپ ھالدا يەنە ئىلگىرىكىدىنمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىش ھەم بۇزغۇنچىلىقلارنى قالدۇرغان .

"خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ مۇھىت ساقلاش ئېڭى، ساپاسىمۇ يوق"

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەڭرى كۆلى، قاناس كۆلى ھەمدە نارات يايلىقى قاتارلىق قايتا ھاسىل قىلغىلى بولمايدىغان تەبئىي مەنزىرىلىك جايلىرى ئالاھىدە نۇقتىلىق ساياھەت ئورۇنلىرى سۈپىتىدە تېخىمۇ كۆپ ،يەنى مېھمان كۈتۈۋېلىش ئۆلچىمىدىن ھالقىغان ھالدا ساياھەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ساياھەت دولقۇنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بۇ جايلار نۆۋەتتە ئەخلاقسىز، مەدەنىيەتسىز ساياھەتچىلەرنىڭ قالدۇرغان ئەخلەتلىرى بىلەن تولغان ئورۇنلارنى ، بۇزۇلغان مۇھىتنى تۈزەش ئۈچۈن مەشغۇل بولماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم مۇھىم ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرىدە مۇھىت قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىغا 27 يىل بولغان بىر ئۇيغۇر كىشى نۆۋەتتە ساياھەت رايونلىرىنىڭ ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكىدە ئۇچراۋاتقان مۇھىت مەسىلىلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، "خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ مۇھىت ساقلاش ئېڭى، ساپاسىمۇ يوق،" دېدى.

مەدەنىيەتسىز ساياھەتچىلەر دۇنيانى بىزار قىلماقتا

ساياھەتچىلىك خىتاي مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن يېڭى ئۇقۇم بولسىمۇ ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ خىتاي خەلقىمۇ ساياھەتكە چىقىشنى تېزلا قوبۇل قىلدى. ئەمما، ئۇلاردا تېخى مۇكەممەل ساياھەت مەدەنىيىتى يېتىلگىنى يوق ، شۇڭا خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ تەسىرىمۇ ئىنتايىن يامان بولماقتا.

بېيجىڭ كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 30 - ئاپرىل سانىدا خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئوبرازى ھەققىدە بېرىلگەن بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە ، بەزى دۆلەتلەردىكى ساياھەت ئورۇنلىرى ھەمدە دەم ئېلىش ۋە غىزالىنىش ئورۇنلىرىدا مەخسۇس " جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئۈچۈن" دەپ ئايرىم رايونلارنى بەلگىلەپ قويۇلغان.

بۇ قىلمىش، جۇڭگولۇقلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەنلىكنىڭ بەلگىسى بولماستىن ، بەلكى خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىپ، سوقۇشۇپ، پاسكىنا قىلىپ، باشقا ساياھەتچىلەرگە تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامالسىز قوللانغان تەدبىر ئىكەن .

"جۇڭگولۇقلار تېخى ساياھەت قىلىدىغانغا بالدۇر"

يېقىندا ياۋروپادا ئېلىپ بېرىلغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەتچىلىرىنى باھالاشقا مۇناسىۋەتلىك رايى سىناشتا ، خىتايلار دۇنيا بۇيىچە ئەڭ مەدەنىيەتسىز ساياھەتچىلەر بولۇپ باھالانغان.

خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىش، مۇھىت تازىلىقىنى ئاسرىماسلىق، قاتناش قائىدىلىرىگە، ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق، ئۇرۇشقاقلىق، گۈل گېيا ، تەبئىي ھايۋاناتلارنى ئاسرىماسلىق ، ئاسارە‏ - ئەتىقىلەرنى قوغدىماسلىق، يىمەكلەرنى ئىسراپ قىلىش، ئاممىۋىي سورۇنلارنىڭ جىمجىتلىقى ، تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئوخشاش جەمئىيەت ئەخلاقىغا ياد قىلمىشلىرى چەتئەللەردىمۇ قاتتىق بىزارلىق ھەم سەسكىنىش پەيدا قىلغان.

خىتاينىڭ ئىقتىسادى بىلەن خەلقنىڭ ساپاسى يەنى مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ساياھەت ساھەسىدىمۇ ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇرغان بولغاچقا ، بەزى خىتاي مۇلاھىزىچىلىرى ئۆزلىرىمۇ " جۇڭگولۇقلار تېخى ساياھەت قىلىدىغانغا بالدۇر " دەپ ئوتتۇرىغا قويماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.