ئافغانىستاندىكى سايلام ئاخىرلاشتى

0:00 / 0:00

ئافغانىستاندىكى سايلام ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئافغانىستان ۋە ب د ت بىرلەشمە سايلام كومىتېتى، سايلام بېلەتلىرى تاشلانغان ساندۇقلارنى ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئايروپىلان، ماشىنا ھەتتا ئات-ئېشەكلەر ئارقىلىق، بەلگىلەنگەن سەككىز ئاۋاز ساناش مەركىزىگە توشۇشقا باشلىدى. پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشقا ئىككى ئۈچ ھەپتە كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.