ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەسىلىسى ئامېرىكا پرېزدېنت رىقابىتىدىكى مەركىزى تېمىغا ئايلاندى

ئامېرىكا پرېزدېنتى جورجى بۇش بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون كەرېي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئامېرىكىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى بويىچە كەسكىن تۈس ئېلىشقا باشلىدى . ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى پرېزدېنت نامزاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ مەركىزى تېمىسىغا ئايلاندى . دىمۇكراتلار پرېزدېنت نامزاتى جون كەرېي بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پرېزدېنت نامزاتى جورجى بۇش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسى بويىچە بىر- بىرىگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى . سەيشەنبە كۈنكى سايلام پائالىيىتىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەسىلىسى ، ئىراق ۋە تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق ئەنئەنىۋىي تېمىلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى . پرېزدېنت بۇش سەيشەنبە كۈنكى سايلام پائالىيىتىنى فلورىدادا ئېلىپ باردى . كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون كەرېينىڭ سايلام پائالىيىتى پېنسىلۋانىيىدە داۋام قىلدى . يۇقىرىقى ئىككى شتات ھەر ئىككى پارتىيە پرېزدېنت نامزاتلىرىنىڭ غەلىبىگە يېقىنلىشىشدىكى ئاچقۇچلۇق شتاتلار بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى ئامېرىكىدا دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى بولۇپ ، بۇ مەسىلە ئىككى پارتىيە پرېزدېنت نامزاتلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنكى سايلام رىقابىتىنىڭ مەركىزى تېمىسىنى ئىگىلىگەن . ھازىرقى ئامېرىكا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سېستىمىسى 1940 ۋە 1950 - يىللاردىكى تۇغۇت دولقۇنىدا دۇنياغا كەلگەن بوۋاقلارنىڭ پىنسىيىگە چىقىش دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ . بۇ ئامېرىكا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سېستىمىسىنىڭ مالىيە يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشى مۈمكىن . جون كەرېي پېنسىلۋانىيىدىكى سايلام پائالىيىتىدە پرېزدېنت بۇشنى ئامېرىكا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سېستىمىسىنى بىكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ، دەپ ئەيىپلىگەن . جۇمھۇرىيەتچىلەر پرېزدېنت نامزاتىنى بايلار تەبىقىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن تەنقىتلىگەن جون كەرېي مۇنداق دەيدۇ : " ئۇنىڭ 4 يىل جەريانىدىكى بايلارغا قاراتقان باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئوتتۇرا تەبىقىدىكى ئائىلىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتتى ، ئىجدىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمىنى خەتەرلىك يولغا ئېلىپ كىردى ، دۆلەتنىڭ ياشانغانلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى بىكار قىلدى ".

فلورىدا ئامېرىكىدا دەم ئېلىشقا چىققانلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان شتاتلارنىڭ بىرى . پرېزدېنت بۇش بۇ يەردىكى سايلام پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمىنى بىكار قىلىش نىيىتى بارلىقىنى رەت قىلدى . جون كەرېينى قالايمىقان سۆزلەش بىلەن ئەيىپلىگەن پرېزدېنت بۇش مۇنداق دەيدۇ : " بۇ كېڭەش پالاتا ئەزاسى توختىماي قاقشاپ ، دائىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قالايمىقان سۆزلەش تاكتىكىسى قوللىنىۋاتىدۇ ، بىراق ئۇ ئۈزىنىڭ كەلگۈسىگە دائىر ئىجابىي پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى ، بۇ ئۇنىڭ خاتىرىسى ، شۇنداقلا بىر- بىرىگە زىت بولغان بىر قاتار ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ" . پرېزدېنت بۇش ، دەم ئېلىشقا چىققانلار ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىتىن داۋاملىق بەھرىمان بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىپ ، بۇ مەسىلىنى ئومۇمى يۈزلۈك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى .

ئۇ ياش خىزمەتچىلەردىن ئېلىنغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجى ئۇلارنىڭ شەخسىي ھىساپ نومۇرىدا ساقلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ :" بىز مەسىلىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدا تۇرۇپ ئويلىشىمىز زۆرۈر . ئىجدىمائى پاراۋانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ياش خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشىدىن ئېلىنىدىغان بىر قىسىم باجنى ئۇلارنىڭ شەخسىي ھىساپ نومۇرىدا ساقلىىشىمىز كېرەك . بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆز نامىدىكى خۇسۇسىي ھىساپ نومۇرى دىيىشكە بولىدۇ" . پرېزدېنت بۇشنىڭ سۆزلىرىگە پېنسىلۋانىىيىدىكى دىمۇكراتلار پرېزدېنت نامزاتى جون كەرېي دەرھال ھۇجۇم قىلدى . ئۇ مۇنداق دەيدۇ : " بۇشنىڭ خۇسۇسىيلار ئۆزى ئىگە بولۇش دىگىنى ، سەن پىنسىيىگە چىققاندا ئۆز يولۇڭنى ئۈزەڭ تاپ دىگەنلىكتۇر . ئەمىلىيەتتە بۇ ھىچقانداق مەخپىيەتلىك ئەمەس ، بۇ ئۇنىڭ پىلانى " . يېقىندا ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى ، پرېزدېنت بۇش 2 - قېتىم سايلانغان تەقدىردە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى خۇسۇسىلاشتۇرۇشى مۈمكىن دىگەننى ئىلگىرى سۈرگەن . بىراق بۇ ئاق ساراينىڭ رەت قىلىشغا ئۇچرىدى .

ئامېرىكا پرېزدېنت سايلمىنىغا يەنە ئىككى ھەپتە قالدى . سايلامدا ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلارلارنىڭ كىمگە بىلەت تاشلايدىغانلىقى ئۈستىدىن خەلق رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىلغان . جورجىتاۋېن ئۇنۋېرسىتى بىلەن يەنە بىر خەلقئارا ئاممىۋى تەكشۈرۈش ئورگىنى ئېلىپ بارغان خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسى ، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۆتدەن ئۈچ قىسىمىدىن كۆپىرەكى جون كەرېينى قوللايدىغانلىقى مەلۇم بولغان . خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان 1800 دەك ئامېرىكىلىق مۇسۇلماننىڭ % 76 جون كەرېيگە بىلەت تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . 2000 - يىلدىكى سايلامدا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسىمى ھازىرقى پرېزدېنت جورجى بۇشنى قوللاپ بىلەت تاشلىغان ئىدى . كۆزەتكۈچىلەر ، ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلاردىكى بۇ خىل ئۆزگۈرىشكە 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى تېرورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ بىئاراملىق ياراتقانلىقى سەۋەپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە . (ئەركىن)