سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم يەرلىك كېڭەش ئەزالىرى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى


2005.02.11
SAUDI-VOTE-36.jpg

غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى 178 نەپەر كېڭەش ئەزاسىنىڭ يېرىمى سايلام ئارقىلىق بېكىتىلىپ، قالغان يېرىمى كونا ئۇسۇل بويىچە سەئۇدى پادىشاھلىقى تەرىپىدىن بېكىتلىدىكەن. شۇنداقلا بۇ قېتىملىق سايلام 3 باسقۇچتا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئالدى بىلەن پايتەخت رىياد شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى رايونلار بېلەت تاشلايدىكەن. ئاندىن 3 -ئاينىڭ باشلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىدا، ئەڭ ئاخىرى 4 - ئايدا ئەرەبىستان غەربىي ۋە شىمالى رايونلىرىدا سايلام ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭغا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 3 ئاي ۋاقىت كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

پەيشەنبە كۈنىدىكى بىرىنچى قارار سايلامدا جەمئىي 1 مىڭ 8 يۈز نەپەر كاندىدات كېڭەشتىكى 127 ئورۇننى تالىشىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 646 كىشى پايتەخت رىياد شەھىرىنىڭ 7 كېڭەش ئەزالىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رىقابەتلىشىدىكەن. خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، رىياد شەھىرىدىكى بۇ سايلامغا بېلەت تاشلاش ئۈچۈن تەخمىنەن 148 مىڭ ئەر قاتناشقان. ئەمما ئاياللار سايلامغا قاتناشتۇرۇلمىغان.

سايلامدىكى بىر كىشى: كېلەر قېتىملىق سايلامدا ئاياللارمۇ قاتنىشىشى كېرەك

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، بېلەت تاشلاشقا كەلگەن بىر سەئۇدى ئەرەبىستانلىق، ئاياللارنىڭمۇ سايلامغا قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ "كېلەر قېتىملىق سايلامدا ئاياللارمۇ چوقۇم بېلەت تاشلىشى كېرەك" دېگەن.

بېلەت تاشلاشقا كەلگەن يەنە بىر كىشى مەزكۈر سايلامنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

" مەن، بۇ سايلامنى دېموكراتىيىگە قاراپ بېسىلغان ناھايىتى ياخشى بىر قەدەم دەپ قارايمەن. بىز سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشىغا شاھىد بولۇشنى خالايمىز".

ياۋروپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس بۇ قېتىملىق سايلام ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ بېسىلغان كىچىك بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سايلامغا ئاياللارنى قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاھزادە مەنسۈر: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قانۇنىدا ئاياللارنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى چەكلەنمىگەن

رىياد شەھەر باشلىقى ۋە يەرلىك سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى شاھزادە ئابدۇللا ئۆزىنىڭ، 2009 - يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان سايلامدا ئاياللارنىمۇ قاتناشتۇرۇش ھەققىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا تەكلىپ سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى شاھزادە ۋە ۋەلىئەھدى مەنسۈر بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەسلى سەئۇدى ئەرەبىستان قانۇنىدا ئاياللارنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى چەكلەنمىگەنلىكىنى، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستان، ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ ئايرىلىپ تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدىغان دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت ئاياللارنى سايلامغا قاتناشتۇرىمەن دىسىمۇ، ئاياللار بېلەت تاشلايدىغان سايلام پونكىتلىرىنى ياساشقا ۋاقىت ۋە ئەمگەك كۈچى جەھەتتىن ئىمكانسىز قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئوخايو شىتاتىنىڭ تولېدو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سىياسەت ئىلمى پروفېسسورى رەن بوگوڭ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ قەدەمنى بېسىشىنىڭ ئاسانغا چۈشمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رەن بوگوڭ: بۇ سايلامنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدا ئامېرىكىنىڭ تەسىرى بىر قەدەر چوڭ

پروفېسسور رەن بوگوڭ سۆزىدە يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ قېتىملىق سايلامنى مەجبۇرىي ئاساستا ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭدا خەلقئارانىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىر قەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېلىپ بارغان بىر قاتار تەدبىرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېغىر بېسىم بولغان ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۇلار مۇشۇ يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيىدىكى ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمگە قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈردى.(پەرىدە)

نۆۋەتتە نۇرغۇن غەرب مەتبۇئاتلىرى، بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان پادىشاھلىق تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈچۈن تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. )پەرىدە(

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.