تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00
uyghur-nahiyisi-senet.jpg
سەنئەت بايرىمىدىن بىر كۆرۈنۈش Chongaytip körüng

تۈركىيىنىڭ ئاماسىيە ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ناھىيىسىدە 11- سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ناھىيىسى 8-نۆۋەتلىك مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. سەنئەت بايرىمىغا ئاماسىيىئە ۋىلايىتى رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن قاتناشقۇچىلار بولۇپ 10 مىڭگگا يېقىن كىشى قاتناشتى.

ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار 13-14-ئەسىرلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

بۇ قېتىمقى سەنئەت بايرىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇ بولدىكى، بايرامغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۇنجى تەبرىك تېلېگراممىسىنى يوللىدى ۋە ۋەكىل ئەۋەتتى. مۇراسىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىننىڭ ۋە ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئالاھىدە ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.