
ئەنگىلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ كېچىلىككە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ئىراندىن كەلگەن سەنئەتچىلەر قاتارىدا ئەنگلىيىدە قۇرۇلغان لوندون ئۇيغۇر مۇزىكا ئانسامبىلىمۇ قاتناشقان. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىدىن نىزامىدىن سەمەدوف، رەھىمە مەخمۇت، Stephen Jones, Rachel Harris قاتارلىقلار ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسۇللىرىدىن نادىر ئۆرنەكلەر كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
بىز بۇ سەنئەت كېچىلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باش كاتىبى ئەزىز ئەيسا ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىسى تەتقىقاتچىسى Rachel Harris خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باش كاتىبى ئەزىز ئەيسا ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىسى تەتقىقاتچىسى Rachel Harris خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.