0:00 / 0:00
ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيىنىڭ مەرسىن ۋىلايىتىدە تۈرك دۇنياسى ئەدەبىيات – سەنئەت كۆرىكى ئوكۈزۈلدى. تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە تۈركىيە، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان، تاتارىستان قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن تۈرك قوۋملىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت- ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان تۇرسۇنجان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.