"ئۇيغۇر سەتئەتكارلار" شىۋېتسىيىدە كونسېرت قويۇشقا باشلىدى

0:00 / 0:00
UyghursDance-200.jpg
نومۇر كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئۇسۇلچىلىرى. 2007 - يىلى 8 - سېنتەبىر. Yalkun/RFA PHOTO

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئارتىستلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 9 - ئاينىڭ -8 كۈنىدىن ئىبارەت شۋېتسىيىنىڭ ئېسكىسونا شەھرىدە رەسمى ئويۇن قويۇشقا باشلىدى.

ئۇلارنىڭ كونسېرتىغا شىۋېت مېھمانلار ھاياجان كەيپىياتتا ئىشتىراك قىلغان بولسا، شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئويۇنىنى ئالاھىدە بىر كەيپىياتتا، خوشاللىق بىراق ئاچچىق ھىسلار بىلەن تاماشا قىلىشقان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ كونسېرت نەق مەيدانىدىن ئالغان ئاۋازلىق تەپسىلى مەلۇماتىنى سىلەرگە سۇندۇق.