خىتاي ئاخباراتلىرى شىۋېتسىيىدىكى "مەدەنىيەت ھەپتىلىكى" ھەققىدە نىمە دېگەن؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى شىۋېتسىيىدىكى تۇنجى مەيدان ئويۇنىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چىقىدىغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى خىتايچە تور بەتلىرىنىڭ 10-سېنتەبىر كۈنىدىكى ئۇچۇرلىرىدا، بۇ ھەقتە ناھايىتى داغدۇغۇلۇق خەۋەرلەرنى بەرگەن.

گەرچە ئويۇن كۆرگەن تاماشىبىنلارنىڭ بىر قىسمىنى شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەشكىللىگەن بولسىمۇ ، ئەمما خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن ھەتتا تور بەتلىرىگە قويغان رەسىملەرگىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا دېيىلگەن بۇ خەۋەرنىڭ قانچىلىكىنىڭ راس ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئويۇننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئويۇن جەريانىدا بولغان ئىشلارغا باشتىن ‏- ئاياق ئارىلاشقان قۇربانجان ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قۇربانجان ئەپەندىمنىڭ سۇئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابلىرى ۋە بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرىغا قۇلاق سېلىڭ. (يالقۇن)