كۆزەتكۈچىلەر: خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى ئىنتايىن تەس

خىتاي دائىرىلىرى 4-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ياپونىيە بىلەن تالاش تارتىشتىكى سېنكاكۇ مەسىلىسىنى يەنە كۆتۈرۈپ چىقىپ، مەزكۇر ئارالغا ياپونىيە بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ يېقىنلاشقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.07.04
Yapon-xitay-aral-talishish-toqunushi-Senkaku-arili-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2006 - ﻳﯩﻠﻰ 27 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻨﻜﺎﻛﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺭﺍﻟﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

دياۋيۈ يەنى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسى خىتاي-ياپونىيە ئارىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ ھەقتە توختالغان كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە سېنكاكۇنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ياپونىيىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ مەزكۇر ئارالنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى ئىنتايىن تەس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ياپونىيە كيودو ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3-ئىيۇل ياپونىيىنىڭ تەخمىنەن 10 بېلىقچى كېمىسى سېنكاكۇ ئارىلى تەۋەسىگە كىرگەن. بۇلارنىڭ بىرى ياپونىيە مىللەتچى گۇرۇھىنىڭ يېتەكچىسى تاشىو تاموگامىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بېلىقچى كېمىسى ئىكەن.

تاشىو تاموگامى ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سابىق باش قوماندانى بولۇپ، ئۇ 2008-يىلى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن بۇيان، ياپونىيىدىكى مىللەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر ياپونىيە بېلىقچىلار گۇرۇپپىسى 3-ئىيۇل ئوكىناۋا ئايمىقىدىن يولغا چىقىپ، سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلاشقان ۋە ئارالنى ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كېيىن 4-ئىيۇل ئوكىناۋاغا قايتىپ كەلگەن.

مەزكۇر گۇرۇھ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتا « بىز بۇ ئارالنىڭ ياپونىيە تېررىتورىيىسى ۋە ياپونىيىنىڭ بېلىق تۇتىدىغان تۇپرىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

ياپونىيىلىك بېلىقچىلار ياپونىيە تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى تاكېئاكى ماتسۇموتو ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ھەمدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە سېنكاكۇ ئارىلى تەۋەسىگە كىردى.

خىتاي تەرەپنىڭ شىكايىتى ياپونىيە تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ياپونىيە سېنكاكۇ دەپ ئاتايدىغان مەزكۇر ئارالنىڭ ئەزەلدىن خىتاي تۇپرىقى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن ۋە ياپونىيە دياۋيۈ ئاراللىرى ئەتراپىدا قىلغان ھەرقانداق ھەرىكەت قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز، دەپ كۆرسەتكەن ۋە ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ئارالدىن بېلىقچى كېمىلىرىنى دەرھال ئېلىپ چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاينىڭ سېنكاكۇ مەسىلىسىدىكى مەۋقەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بارغانچە كۈچىيىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختالغان ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيانغا قاراپ كېڭىيىش ئارزۇسىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

بەزى خىتاي كۆزەتكۈچىلەر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سېنكاكۇ توقۇنۇشىنى قەستەن كۈچەيتىش ئارقىلىق تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكىدىكى «يېڭى تاڭ» تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇلاھىزىچىسى ۋۇ فەن سېنكاكۇ يەنى دياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئەسلى گومىنداڭنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەزكۇر ئارالنى بېسىۋېلىش ئارقىلىق «تەيۋەننى ئىشغال قىلىمىز» دەپ ئويلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋۇ فەن ئۆز پروگراممىسىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دېدى: كوممۇنىستلار، مەن ئالدى بىلەن سىلەر گومىنداڭچىلارنىڭ بىر كىچىك ئارىلىڭلارنى بېسىۋالىمەن. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن سىلەرنىڭ ئاساسلىق ئارىلىڭلارنى باسىمەن دەپ ئويلىدى. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتاي كومپارتىيىسى دياۋيۈ ئارىلى ۋەقەسىگە ئوخشاش بىر ساختا ۋەقەگە موھتاج بولغان ۋە ۋەقەنى قانچە چوڭايتسا شۇنچە ياخشى دەپ ئويلىغان.

ئەمما، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى ۋۇ فەننىڭكىدىن پەرقلىق. ئەركىن ئەكرەم سېنكاكۇنىڭ ياپونىيىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى سېنكاكۇ ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، سىرتقا قاراپ كېڭىيىش غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇ ‏-يوق؟ بۇ نۆۋەتتىكى مۇھىم سوئاللارنىڭ بىرى. بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن مۇلاھىزىچىلەر نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئالدىراپ ئۇنداق قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئەركىن ئەكرەم ئەگەر خىتاي ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلسا ئۆز ئىچىدىن ۋەيران بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەھەتتە خىتاي مۇلاھىزىچى ۋۇ فەننىڭ پىكرىمۇ بىردەك بولۇپ، ئۇ، ئەگەر خىتاي سېنكاكۇ ئارىلىغا ھۇجۇم قىلسا خىتاي ئىچىدە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ياپونىيىلىكلەرمۇ دياۋيۈ ئارىلى ۋەقەسى ھىيلىسىگە موھتاج، خىتاي كوممۇنىستلىرى تېخىمۇ موھتاج، لېكىن ئامېرىكىلىقلار بۇنى خالىمايدۇ. گەرچە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ يەردە بىر چالمىدا 4 پاختەكنى سوقماقچى بولغان بولسىمۇ، غەلىبە قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىگەن بىر ھاكىمىيەت. خەلق قوزغىلىپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ، ئاخىرىدا بۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى غۇلايدۇ ۋە بەربات بولىدۇ.

ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە خىتاينىڭ بىر بېلىقچى كېمىسى سېنكاكۇ ئەتراپىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياپونىيە چارلىغۇچى كېمىسىگە كېلىپ سوقۇلغان. ياپونىيە دائىرىلىرى مەزكۇر خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قولغا ئالغان. گەرچە خىتاي كاپىتانى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ۋەقە ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە يىرىكلەشتۈرگەن.

ئۆتكەن يىلى سېنكاكۇ ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ياپونىيىگە سىيرەك توپا ئېكسپورت قىلىشىنى توختاتقان. شۇ يىلى دېكابىردا ئامېرىكا ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.