سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتمىسە بولمايدۇ


2007.02.09

adem-sodisi.jpg
ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بالىسى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە تېپىلغاندىن كېيىن، 2005-يىلى 25-دېكابىر كۈنى ئۆيىگە قايتىشتىش يولىدا تاماق يېمەكتە.AFP

خىتاي ئۆلكىلىرىدىن رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان بەزى ئۇيغۇرلار، خىتاي ئۆلكىلىرىگە خىزمەت ياكى ساياھەت ئۈچۈن بارغىنىدا، ئاپتوبۇسلاردا، ئادەم جىق بازار ياكى سودا سارايلىرىدا 10 ياشلار ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ سومكىلىرىغا، يانچۇقلىرىغا قول سېلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا بەزىلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك سېتىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنى ناھايىتى كۆپ ئۇچراتقانلىقىنى ۋە بۇ نارسىدە بالىلارنىڭ كىچىك تۇرۇپ جىنايەت يولىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئېچىنغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىن تېلېفون قىلغان بەزى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئادەم سودىگەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىز ‏- ئوغۇل ئۆسمۈر بالىلارنى، ناتونۇش خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ، ئوغرىلىققا، بۇلاڭچىلىققا، زەھەرلىك چېكىملىك ساتىدىغانغا ھەتتا پاھىشىلىككە ئۆگىتىپ پۇل تېپىشنى كەسىپ قىلىۋالغانلىقى، شۇنداقلا بۇ خىل كىشىلەر دائىرىسدە پەيدا بولغان قارا جەمئىيەتكە ھەتتا ساقچىلارنىڭمۇ شېرىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان ئىدى، يەنە بەزىلەر ئۇيغۇرلاردا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ، ئوغرىلىققا سېلىپ، ئۇلارنىمۇ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىتىش ئارقىلىق، كونترول قىلىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق بىر جەمئىيەت ھادىسىسىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلە

خىتاي ساقچى دائىرىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، نۆۋەتتە تۆت ‏- بەش ياشتىن، ئون نەچچە ياشلارغىچە بولغان، كوچىلاردا ئوغرىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنى خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇئاڭجۇ دېگەندەك چوڭ شەھەرلىرىدە كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. بۇ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ كاتتىباشلىرىغا سېتىۋېتىلگەن بولسا، كۆپ ساندىكىسى شۇ كاتتىباشلار ئۆزلىرى ياكى ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئۇزۇن يىل تۇرغان بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئالداپ كېلىنگەن بالىلار بولۇپ، كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، نارسىدە بالىلارنى ئالداپ جىنايەت يولىغا باشلاش ئارقىلىق پۇل تېپىۋاتقانلارنىڭ كۆپ ساندىكىسىمۇ ئۇيغۇرلار ئىكەن.

گەرچە بۇ مەسىلە خىتايدىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ نېمىشقىدۇر، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر بالىلىرى داۋاملىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالدىنىپ بېرىپ، ئۇ جايلاردا روھىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئېغىر زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىماقتا. شۇنداقلا ئۇيغۇر بالىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ پاجىئە داۋاملاشماقتا.

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالدىنىپ ئاپىرىلىپ، ئوغرىلىققا ئۆگىتىلىشىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلە ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتايلىرىدىمۇ ئۇدا بىر قانچە قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ ئىزدەنمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خەلق ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان شۇنداقلا جەمئىيەتتىن كېلىۋاتقان كۈچلۈك ئىنكاسقا ئاساسەن، 7 ھەمدە 8 - فېۋرال كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەخسۇس "سەرگەردان بالىلارغا ياردەم بېرىش، ئالداپ ئېلىپ قېچىشقا زەربە بېرىش" خىزمەت يىغىنى چاقىرىلغان.

مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ئىشلىرى نازارىتى، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، ئەدلىيە نازارىتى قاتارلىق 19 ئورۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى شۇنداقلا ئىلى، خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلارنىڭ مەسئۇل كادىرلىرى قاتناشقان.

يىغىندا "سەرگەردان بالىلارغا تۈرلۈك يوللار بىلەن ياردەم بېرىش، قوغداش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئالداپ، ئېلىپ قېچىپ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلىغانلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، جايلار ۋە تارماقلار ئۆتكەلنى قاتلاممۇ ‏- قاتلام چىڭ ئىگىلەپ زىچ ھەمكارلىشىپ قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغداش " تەكىتلەنگەن.

شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىلى، قەشقەر، خوتەن ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرى بىلەن "سەرگەردان ئۆسمۈر بالىلارغا ياردەم بېرىش قوغداش مەسئۇلىيەتنامىسى" ئىمزالىغان. بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئورنى ھەمدە خەلق ئىشلىرى نازارىتىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ ئۇلار بىزنىڭ ئامېرىكىدىن تېلېفون قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلگەندىن كېيىن جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

بىر خىتاي ساقچىنىڭ ئېيتقانلىرى

بىز خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئىلگىرى گۈيياڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ رازۋېتكا ئەترىتىگە تېلېفون قىلغاندا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي ساقچى بىزنىڭ "نېمە ئۈچۈن قورامىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر بالىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاداپ ئەكىلىپ ئوغرىلىقلارغا سالىدىغان بۇنداق جىنايى قىلمىش شۇنچە ئېغىر بولىدۇ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بۇنى تىزگىنلەشكە ئامالى يوقمۇ ؟ " دەپ سورىغان سوئالىمىزغا جاۋابەن:

"بۇ مەسىلە شىنجاڭ ساقچى دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى بىز ئۇلارنى تۇتقىنىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي تىلى بىلمىگەندىن كېيىن، ھەر جايلاردا تۇتۇلغان بۇنداق بالىلار ياكى ئادەم بېدىكلىرى ئاساسەن يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار دائىم سوراق جەريانىدا ئۆلىۋېلىشقا ئۇرۇنىدىغان ۋەقەلەر كۆپ كۆرۈلدى، ئىگىلىشىمىزچە، بۇ بالىلارنى ئوغرىلىققا سالغان جىنايەت گۇماندارلىرى ئۇلارغا ساقچى تۇتىۋالسا گەپ بىلمەيمەن دەڭلار، قىستىسا ئۆلىۋالىمەن دەپ قورقۇتۇڭلار ئاندىن سىلەرنى قويۇپ بېرىدۇ دەپ ئۆگىتىدىكەن. بۇنداق ئەھۋال بولغان، بىزمۇ بەزى بالىلارنى تۇتۇۋالغان بولساقمۇ ئامالسىز ئۇلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ قويۇپ بەرگەن. بىراق، مېنىڭچە گۇيياڭدا ياكى باشقا شەهھەرلەردە بولسۇن، سىرتتىن كېلىپ يانچۇقچىلىق ئوغرىلىق قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. مېنىڭچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە چىقىپ بۇنداق جىنايەت يوللىرى ئارقىلىق جان بېقىشىغا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن بىلىم سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقى ئاساسىي سەۋەب بولغان. ئۆز يۇرتلىرىدا ناھايىتى نامرات، يول تاپالمىغان كىشىلەر كۆپىنچە باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ جان بېقىش يولى ئىزدەيدۇ- غۇ، ئۇلارمۇ شۇنداق" دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندىمۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈر- بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىپ سېتىۋېتىدىغان، ھەمدە يانچۇقچىلىق ئوغرىلىقلارغا سالىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەر خېلى دەرىجىدە ئېغىر بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەب ‏- نەتىجىلىرى ھەققىدە پىكىرلەر يۈرگۈزمەكتە.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بەزىلىرى، بۇ خىل ئىجتىمائىي مەسىلىگە خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسىنىڭ توغرا، ئادىل بولمىغانلىقىنى ئاساسىي سەۋەب دەپ قاراۋاتقان بولسا، يەنە بەزىلەر، بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىقتىسادى، دىنىي، ۋە مائارىپ سىياسىتىنىڭ ناتوغرىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەگەردە خىتايدا ئادالەت بولغان بولسا، ئۇيغۇر خەلقىدە دىنىي، سىياسىي ئەركىنلىك بولسا مەنىۋى ۋە ماددى جەھەتلەردىن نامرات بولمىسا، بالىلار بۇ خىلدىكى جىنايەت يولىغىمۇ كىرمىگەن بولاتتى دەپ قارىماقتا. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى پىكىر بايان قىلدى.

مەزكۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار، گەرچە بۇ مەسىلىگە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى قانۇن ۋە جەمئىيەت سېستىمىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئورنى ئاساسلىق سەۋەب بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ھەم پەرزەنتلىرىگە دىني ۋە ئۆرپ ئادەت ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى مەزكۈر مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلاردا يەنىمۇ ئېغىرلىشىشىنى توسۇپ قېلىشتا رول ئوينايدۇ دەپ قارىماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.