ئۆز يۇرتىدىن قوغلىنىپ سەرسان بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار

0:00 / 0:00

ئەنگلىيىدىكى ئوكسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سىمون جامېس ئەپەندىنىڭ ئەمگىكى بىلەن مەيدانغا كەلگەن "يوقىلىۋاتقان مىللەت: ئۆز يۇرتىدىن قوغلىنىپ سەرسان بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار" ناملىق ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرى 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئوكسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم بىلەن رەسمىي ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر تەتقىقات تېمىسى يەنە 55 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىگە قويۇلغان.

پروفېسسور سىمون ئەپەندى 2006 - يىلى 8 - ئايدا باشلاپ، 2007 - يىلى 6 - ئايدا تۇنجى قىسمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان بۇ تەتقىقات تېمىسىنى ئىشلەش جەريانىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن بەش كىشىنى نۇقتىلىق زىيارەت قىلغان.

ئۇ، بۇ فىلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان خىتاي سىياسىتىنىڭ قۇربانى سۇپىتىدە ئېزىلىشكە ئۇچراپ، ئۆز ۋەتەنلىرىنى تاشلاپ چەت ئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن . ئالىم يەنە بۇ تەتقىقات لايىھىسىنىڭ داۋامىنى ئىشلىمەكتە ئىكەن. (ئەكرەم)