
"بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى" دېگەن بىر جۈملە سۆز دائىم تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ھەممىگە تونۇش سۆز ، ئەمما ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئىگىلىرى قەيەرلەردە قانداق تەقدىرلەرگە دۇچار بولماقتا؟ ۋاھالەنكى سانسىز ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئالدىنىۋاتقانلىقى، سېتىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ھەر جايلاردا سەرگەردان بولۇپ جىسمانىي ، روھىي جەھەتلەردىن خارلىنىپ نابۇت بولۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋال كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەت. شۇنداقلا مەزكۇر مەسىلە يىللاردىن بۇيان تەكىتلىنىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئېغىزغا چىققان ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە بولسىمۇ ، سەرگەردانلىققا يۈز تۇتۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە.
رادىئومىز بىلەن ئالاقىلاشقان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە ، ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىلا سەرگەردانلىق قىسمەتلىرىگە دۇچار بولۇپلا قالماي ، ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىمۇ تىلەمچىلىك، مايلامچىلىق ، مەدىكارلىق ھەتتا ئوغرى - يانچۇقچىلىققا مەجبۇر بولۇۋاتقان سەرگەردان بالىلارمۇ پەۋقۇلئاددە كۆپەيمەكتە ئىكەن.
سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرى- رىئاللىقتىكى راجۇ
80 - يىللاردا ھىندىستاننىڭ "سەرگەردان" فىلىمىنى مەيلى قانچە قېتىم قايتا كۆرمىسۇن ، كىنودىكى باش پېرسۇناژ راجۇنىڭ سەرگەردانلىق قىسمەتلىرىدىن ئېچىنىپ ياش تۆككەن ئۇيغۇرلار، ئالاھەزەل ئون - يىگىرمە يىللاردىن كېيىن ئۆز قەۋمى ئىچىدىمۇ رېئال راجۇلارنىڭ - سەرگەردان بالىلارنىڭ بۇنچە كۆپىيىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتى ...
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەسىلىلەر ئىچىدە بالىلارنىڭ سەرگەردان بولۇشىدەك مەسىلە ھەم سىياسەتكە ، ھەم ئىقتىسادقا ، قانۇنغا ، ھەر تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك بولغان مىللىي ھەم سىياسىي ۋە ئىجتىمائىيلىق خاراكتېرىگە ئالاھىدە گەۋدىلىك بىر مەسىلىگە ئايلاندى.
گەرچە ھېچقانداق بىر دۆلەت سەرگەردان بالىلار مەسىلىسىدىن خالى بولالمىسىمۇ ، ئەمما خىتايدىكى سەرگەردان بالىلار ئىچىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئالاھىدە كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر مەسىلە.
ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە خىتاينىڭ مەزكۇر مەسىلىدە مەسئۇلىيىتى بار بولغان خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سەرگەردان بولۇشى شۇنداقلا تۈرلۈك جىنايى يوللارغا مەجبۇرلىنىشىنى بىر ئىجتىمائىي مەسىلە ئۈستىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ، مەتبۇئاتلاردىمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر بالىلارنى ئاساس قىلغان ئادەم ئالداپ سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ ئاۋۇپ بالىلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى - تەرۇز قىلىپ قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ جەمئىيەتتىمۇ ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى تەنقىدلىنىپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بالىلارنى ئالداش ، سېتىش ھەمدە جىنايى يوللارغا مەجبۇرلاشنى كەسپ قىلغان جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن سەرگەردان بولۇپ بارغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھەقىقىي سانى ھەققىدە ئىشەنچىلىك مەلۇمات ئېلان قىلىپ باقمىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا خەلقنىڭ بۇ ھەقتىكى نارازىلىق ئىنكاسلىرىدىن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكە ، شەھەر ھەم ناھىيىلىرىگىچە تارالغانلىقىدىن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتىمىز.
1999 - يىلى ۋە 2000 - يىللىرى ئەنگىلىيە بالىلارنى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ ياردەم سوممىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئىجتىمائىي پەن ئىنىستىتۇتى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بىرلىكتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلىرى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن جايلارغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتكەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالدىنىپ ياكى سېتىلىپ بېرىشى 1995 - يىللاردىن كېيىن ئەۋج ئالغان بولۇپ 1997 - يىلىغا بارغاندا ئالداپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن. ئادەم بېدىكلىرى ئاسان ئالتە ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلىرىنى ئالداش ئوبيېكتى قىلغان .
مەلۇماتلارغا قارىغاندا 2000 - يىلى 9 - ئاينىڭ24 - كۈنىگىچە شاڭخەيدە ئوغرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، تۇتۇپ يىغىۋېلىنغانلارنىڭ % 84 نى ئۇيغۇر بالىلار ئىگىلىگەن.
ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىلا ئەمەس ، ئۆز يۇرتىدىمۇ سەرگەردان بولماقتا
ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەرگەردان بالىلار پاراۋانلىق ئورنىنىڭ بىر خادىمى ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بولۇپمۇ بەزى بالىلارنىڭ ھەتتا ئۆز ئاتا - ئانا ، قەۋىم - قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن ئادەم بېدىكلىرىگە سېتىۋېتىلگەنلىكىدەك ئەھۋاللار ، ئۇيغۇرلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغىماقتا . مىللەت ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى نابۇت قىلىش بەدىلىگە پۇل ئۈندۈرۈۋاتقان كىشىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش بىلەنلا بۇ مەسىلە ھەل بولامدۇ؟
ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلى ۋە پۈتۈن خىتايدىمۇ سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزىدىغان پاراۋانلىق ئىشلىرى يۈرۈشلەشمىگەن بولۇپ ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسئۇل ئورۇن ياكى بىر تۈزۈلمە يولغا قويۇلمىغان ، شۇنداق بولغاچقا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىمۇ يېزىلاردىن شەھەرلەرگە ئالداپ كېلىنگەن ياكى سەرگەردانلىققا مەجبۇر بولغان بالىلارنى ھەر جايدا ئۇچراتقىلى بولىدىكەن شۇنداقلا بۇ خىل بالىلار بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى كىشىلەردە ئەندىشە قوزغىغان.
سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كۆپىيىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ئەگەشمە سەلبىي ،پاسسىپ تەسىرلەرنى يەنى زەھەر ، چېكىملىك ، ئىپپەت - نومۇسنى سېتىش، ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامرىشى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يىلتىزلىق مەسىلە بولسىمۇ ، مەزكۇر مەسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەمدە ئېغىرلىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت.
خىتايچە ياخۇ ، بەيدۇ، سوخۇ قاتارلىق داڭلىق تور بەتلەردە قويۇلغان ئىنكاسلاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىى ، ئۇلارنىڭ ئوغرى - يانچۇقچى ياكى زەھەر ساتىدىغانلىقى يامان تىللار بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىش ياكى كۆڭۈل بۆلۈش مەيدانىدىن ئەمەس ، نەپرەتلىك قاراشلار بىلەن " شىنجاڭلىقنىڭ ھەممىسى ئوغرى، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك، ئۇلارنى قوغلاش كېرەك . نەدە كۆرسە شۇ يەردە ئۇرۇش كېرەك دېگەندەك ..." جۈملىلەرنى كۆرەلەيمىز.
ئەمدى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بولسا ئازغىنە ئىچ ئاغرىتىش ياكى كۆڭۈل بۆلۈش ئىپادىلەنسىمۇ ، يەنىلا مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتىگە نىسبەتەن" بىز ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق نادانلىشىپ كەتتۇق، ئۇلار بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۆكتى دېسە بەزىلىرى ، بالىلىرىنى ساتقانلارغا قانداقتۇر ئېغىر ھاقارەتلىك سۆزلىرى ئارقىلىق نەپرىتىنى بىلدۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز . بۇ مەسىلىنى ئىقتىسادى مەسىلە سۈپىتىدە ، ئىجتىمائىي مەسىلە سۈپىتىدە تەھلىل قىلغۇچىلار ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقى ، نادان قالغانلىقى ، قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىقلاردىن كۆرمەكتە . ئەمەلىيەتتە بۇ جاۋابلارغا ئۇيغۇرلار ئۆزىمۇ قايىل ئەمەس شۇنداقلا دەل مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تاپماي تۇرۇپ سەرگەردان بالىلار مەسىلىنى ھەل قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە.
دولقۇن ئەيسا : " بۇ بىر سىياسىي مەسىلە...."
سەرگەردان بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى مەسىلىسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئەندىشىگە ھەم ئويغا سېلىۋاتقان نۇقتىلىق مەسىلىنىڭ بىرى، ئۇلار بۇنى بىر ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى مەسىلە بولۇپلا قالماي ، ئاساسلىقى بىر سىياسىي مەسىلە دەپ قارايدۇ . شۇنداقلا بۇنىڭ ھەل قىلىنىشىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق سىياسەت يۈرگۈزىشىگە باغلىق دەپ قارىماقتا.
بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. (گۈلچېھرە)