خىتاي مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش مەسىلىسىدە دائىم ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈش نىشانى بولۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى نوۋاك، 2006 - يىلى بېيجىڭ ، لخاسا ۋە ئۈرۈمچىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، تەن جازاسىنىڭ خىتايدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۈت ھادىسە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان بىر نەپەر ئۇيغۇر ياش، قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئۆزىنىڭ ۋەتەننى تەرك ئېتىپ مۇساپىرلىق ھاياتقا مەجبۇر بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەمدە ئىلگىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ناھەق قىيىن قىستاققا ئېلىنىپ، خىتاي تۈرمىسىدە ئازاب - ئوقۇبەت تارتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ياش بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ داۋامىغا قۇلاق سېلىڭ.