مەدىنىدىكى مەسچىت نەبەۋىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى باشلاندى

دۇنيادىكى مەسچىتلەرنىڭ ئىچىدىن مەككىدىكى مەسچىت ھەرەم، مەدىنىدىكى مەسچىت نەبەۋى ۋە پەلەستىندىكى مەسچىت ئەقسا قاتارلىق ئۈچ مەسچىت مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ئەڭ زور ئورنى بولغان ئىبادەتگاھلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.09.26
Seudi-padishahi-abdulla-305.jpg سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا مەسچىت نەبەۋىنىڭ كېڭەيتىلىش قۇرۇلۇشىغا ئۇل سالماقتا. 2012-يىلى 25-سېنتەبىر.
RFA/Omerjan

قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىدىغانلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ بارغانلىقتىن، مەككە ۋە مەدىنىدىكى مەسچىت ھەرەم بىلەن مەسچىت نەبەۋىگە ئادەم سىغمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. بۇ سەۋەبتىن بۇ ئىككى مەسچىتنى كېڭەيتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا.

2012-يىلى25-سېنتەبىر كۈنى ئەتىگەندە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى مەسچىت نەبەۋىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇل سېلىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان بارلىق گېزىتلەردە ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيىلەردە تارقىتىلغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى كېڭەيتىش مەسچىت نەبەۋى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدىكەن.

مەسچىت نەبەۋىگە2مىليون800مىڭ ئادەم سىغىدىغان بولماقچى

مەسچىت نەبەۋىنىڭ نۆۋەتتىكى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، مەسچىت نەبەۋىدە بىرلا ۋاقىتتا 2 مىليون800 مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدىغان بولىدىكەن. مەسچىت نەبەۋىنى شەرق ۋە غەرب ھەر ئىككى تەرىپىدىكى كېڭەيتىش ئۈچۈن بۇ ئىككى تەرەپتىكى جايلارنى ئىگىلىرىدىن سېتىپ ئېلىشقا توغرا كېلىدىكەن. مەلۇمكى، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن چېقىلىدىغان ئۆيلەر ئۈچۈن ئادەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق پۇل تۆلەپ يەر ئىگىلىرىنى رازى قىلىدىغان قائىدە بار. شۇڭا ھەممە ئادەم ئۆيىنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا ياكى يولغا كېتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

خەۋەرلەرگە كۆرە، مەسچىت نەبەۋىنىڭ شەرق ۋە غەرب ئىككى تەرىپىدىن چېقىلىدىغان ئۆي-ئىمارەت ۋە دۇكانلارنىڭ ئىگىلىرىگە ئۆتەش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مەبلەغ مىقدارى 25 مىليون رىيال يەنى تەخمىنەن 6 مىليون 700 مىڭ دوللار ئىكەن.

مەسچىت نەبەۋىنىڭ تارىخى

مىلادىيىنىڭ 622-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە بارغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىشى مەسچىت سېلىش بولغان. بۇ ۋاقىتتا مەككىدىن كەلگەن مۇھاجىرلار ۋە مەدىنىلىك ئەنسارىلار ھەممە بىر قول بولۇپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە مەسچىت سېلىشقا كىرىشكەن. نەتىجىدە، ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە بۇ مەسچىت پۈتۈپ چىققان. مەسچىتنىڭ قىبلىسى پەلەستىندىكى مەسچىت ئەقساغا قارايتتى، ئۇنىڭ ئۈستى خورما دەرىخىنىڭ شاخلىرى بىلەن يېپىلغان، تۈۋرۈكلىرى خورما ياغاچلىرىدىن، تېگى تاش بىلەن قوپۇرۇلغان، تاملىرى خام قىشلار بىلەن تۇرغۇزۇلغان. شۇ ۋاقىتتىكى مەسچىت نەبەۋىنىڭ كەڭلىكى 30 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 35 مېتىر بولۇپ چىققان. ئۈچ تەرەپتىن دەرۋازىسى بار ئىدى. مەسچىت نەبەۋى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن باشلاپ ھەمىشە كېڭەيتىلىپ كەلگەن. ئاۋۋالقى 4 خەلىپە، ئەمەۋىيلەر، ئابباسىيلار، ئوسمانىيلار ۋە ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى تەرىپىدىن كېڭەيتىپ كېلىنگەن.

مەسچىت نەبەۋىنىڭ كېڭەيتىلىشى

مىلادىيە 1985-يىلىدىن 1993-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغان كېڭەيتىشتە مەسچىت نەبەۋىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 165مىڭ كۋادرات مېتىرغا يەتكەن. بۇرۇن ئۇنىڭ ھەر بىرى 72 مېتىر ئېگىزلىكتە 4 مۇنارى بار ئىدى. ئۇنىڭغا يەنە ھەر بىرىنىڭ ئېگىزلىكى 104 مېتىردىن كېلىدىغان6 مۇنارە قوشۇلۇپ، ھازىر جەمئىي 10 مۇنارە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. شۇ كۈنگە كەلگۈچىلىك مەسچىت نەبەۋىنىڭ 16 دەرۋازىسى بار ئىدى. پادىشاھ فەھىدنىڭ نۆۋەتتىكى كېڭەيتىشىدە 65 دەرۋازا يېڭىدىن بېكىتىلىپ، جەمئىي 81 دەرۋازا بولغان. مەسچىت نەبەۋىنىڭ ئاستىغا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرى ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭ 8 تەرەپتىن كىرىش ئېغىزى بار. مەسچىت نەبەۋىنىڭ سىرتىدىكى كەڭ ساھەگە ئاپتوماتىك ئېچىلىدىغان كۈنلۈكلەر ياسالغان. مەسچىت نەبەۋىنىڭ شىمال، جەنۇب ۋە شەرق تەرىپىگە ياسالغان مەيداننىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 135 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. مەسچىت نەبەۋىگە 4000 دىن كۆپرەك چىراغ بېكىتىلگەن. مەسچىت نەبەۋىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە ياسالغان تاھارەتخانىلىرىمۇ ئىنتايىن مۇكەممەل ھەم زامانىۋى شەكىلدە ياسالغان بولۇپ، مەسچىتى ھەرەمنىڭ تاھارەتخانىلىرىدىن نەچچە ھەسسە ئېسىل ھەم قۇلاي قىلىپ ياسالغان. مەسچىت نەبەۋىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە ياسالغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا ئېلېكترونلۇق لىفتلەر بىلەن چۈشۈپ چىقىلىدۇ. مەسچىتى نەبەۋىنىڭ ئەتراپىدا 560 دانە سۇ ئىچىش تۇرۇبىسى بار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.