"كۆرمىگەن" ماۋزۇلۇق شېئىر ھەققىدە سۆھبەت

0:00 / 0:00

بۈگۈن يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى 2008- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى. چەتئەلدە ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇر شائىرلار شېئىرلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2007- يىلىدا ئۇيغۇرلارغا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان زۇلۇمنى قىلغانلىقىنى يازماقتا.

بۇلاردىن بىرى پۈتۈن شېئىر ۋە ماقالىلىرىدا خىتاي زۇلمىنى ئەكس ئەتتۈرۈۋاتقان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شائىرە زەينۇرە ئۆزتۈرك خانىمدۇر. ئۇ 12- ئاينىڭ 9- كۈنى يازغان "كۆرمىگەن" ماۋزۇلۇق بىر شېئىرىدا خىتاينىڭ 2007- يىلىدا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان زۇلۇمىنىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلغان. شائىرە زەينۇرە خانىم شېئىرىدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنى جەھەتتىكى بېسىم سىياسىتىنى ئارزۇ ۋەزنىدە ئاڭلاتقان بولۇپ، بۇ شېئىرىنى تۇنجى قېتىم رادىئومىزغا ئوقۇپ بەردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ، شېئىرنىڭ ئاپتورى زەينۇرە ئۆزتۈرك خانىم بىلەن بۇ شېئىرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.