
مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق 6 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىنىڭ 15 - ئىيۇن كۈنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغاندا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
بەزى دۆلەتلەر مەملىكەت ئىچىدىكى ئۆكچىلەرنى تېررورلۇققا چاتماقتا
باياناتتا ئەسكەرتىشىچە، "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلەرنى دۆلىتىگە قايتۇرۇش، مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئۆلۈم جازاسىنى يەڭگىللىك بىلەن يولغا قويۇش، تېررور گۇماندارلىرى، دىنىي ئۆكتىچىلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى تەرەپسىز تىنچ كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىش خاتىرىسى ئالاھىدە ئەندىشە ياراتماقتا" ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تېررور ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش پروگراممىسى مۇدىرى جوئان مارىنەر، "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى بەزى دۆلەتلەر مەملىكەت ئىچىدىكى ئۆكچىلەرنى تېررورلۇققا چاتماقتا ۋە ئۇنى باھانە سۈپىتىدە قوللانماقتا. رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىقلار تېررورچىلىقنى مەغلۇپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىسىمۇ، لېكىن بۇ تەشكىلاتتىكى دۆلەتلەرنىڭ ناھايىتى قوپال ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشىمىزغا يېتەرلىك پاكىتلار بار" دەيدۇ.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان باشلىقلار يىغىنى مەزكۇر ئورگان قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 10 يىل مابەينىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ مۇھىم يىغىنى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تېررورلۇق، يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى.
رۇسىيىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر ئالېكسىيېۋ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئەزا دۆلەتلەر چېگرا ھالقىغان "تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك پائالىيىتى" گە قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلغان كېلىشىم ئىمزالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەزا دۆلەتلەر مۇستەقىلچى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي ۋە تېررورچى تەشكىلاتلارغا دائىر ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.
مەركىزى ميۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتى ئۆزلىرىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي 'تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش' پىلانىنى ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشقا ئىشلەتمەكتە
ئۆتكەنكى بىر قانچە يىل جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە قېتىملىق ئاتالمىش 3 خىل كۈچلەر - تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى، كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، دىنىي ئىبادەت يەرلىرىنى تاقاش، ئەنئەنىۋىي دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇش،مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قوپاللىق بىلەن تۈرمىگە تاشلىنىش ياكى ئادالەتسىزلەرچە ۋە دائىم ئەدلىيە تەرتىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنكى باياناتىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنى " تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلماقتا "دەپ ئەيىبلىگەن. "جۇڭگو 'تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش' پىلانىنى ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشقا ئىشلەتمەكتە، دەپ تەكىتلىگەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، "ئۆتكەنكى بىر قانچە يىل جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە قېتىملىق ئاتالمىش 3 خىل كۈچلەر - تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى، كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، دىنىي ئىبادەت يەرلىرىنى تاقاش، ئەنئەنىۋىي دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇش،مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قوپاللىق بىلەن تۈرمىگە تاشلىنىش ياكى ئادالەتسىزلەرچە ۋە دائىم ئەدلىيە تەرتىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى "دەيدۇ. 1996 - يىلى قۇرۇلغان شاڭخەي كېلىشىمىدىكى 5 دۆلەت ئاساسىدا تەشكىل قىلىنغان بۇ ئورگانغا ئۆزبېكىستان 2001 - يىلى قوبۇل قىلىندى ۋە ھىندىستان، ئىران، موڭغۇلىيە ۋە پاكىستانلارغا كۆزەتكۈچى دۆلەت شتاتى بېرىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، 2002 - يىلى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى قۇرغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى كۈرىشىنى خەلقئاراغا قوبۇل قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى خەلقئارا ئىسلام تېررورچىلىقى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە ياردەمچى بولدى، دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن مەزكۇر تەشكىلاتتىكى دۆلەتلەر ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرماقتا
باياناتتا "بېيجىڭ ئۇزۇندىن بېرى تەرەپسىز دىنىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرنى ' بۆلگۈنچىلىك’ " بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ھېچقاچان تېررورچىلىققا باغلاپ باقمىغان ئىدى" دەيدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەر بېيجىڭنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ دۆلەتلەردىكى مۇستەقىلچى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك تۈردە چەكلەپ، خىتايلار تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان مۇساپىرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرغان ۋە بەزىلەر قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
باياناتتا "گەرچە جۇڭگو بۇ كىشىلەرنى زوراۋانلىق ھەرىكىتى ۋە 'بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى' داۋاملاشتۇرماقتا، دەپ ئەيىبلىسىمۇ، لېكىن ئاتالمىش بۇ تېررورچى كۈچلەرنىڭ پائالىيىتىگە دائىر تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئېلان قىلىپ باقمىدى" دەپ كۆرسەتتى. " بىز بۇ ھەرىكەتنىڭ توختىتىلىشىنى ۋە باشقىلارغا تېڭىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز " دەپ تەكىتلىگەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون، "جۇڭگو تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا سىياسىي، دىنىي ۋە مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان كىشىلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە" دەيدۇ. (ئەركىن)