شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيادىكى ناتو (NATO) بولۇپ شەكىللىنەلەمدۇ؟
2007.08.24

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم ئورتاق ئەسكەر چىقارغان "تىنچلىق بۇرچى -2007" ناملىق مانېۋىر ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ ئالدى كەينىدە، مەزكۇر تەشكىلات ئاسىيادا، ناتو، يەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشاش، بىر سىياسىي-ھەربىي تەشكىلات بولۇپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللار ئوتتۇرغا چىقتى.
سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسون، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بىرلىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېلىپ بارغان تىنچلىق بۇرچى 2007 ناملىق ھەربىي مانېۋىرى ئاياغلاشقىنىغا بىر ھەپتە بولدى. مۇشۇ جەرياندا، مەزكۇر مانېۋىرىنىڭ ماھىيىتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يوشۇرۇن نىشانى ھەققىدە مۇنازىرىلەر كۆپلەپ مەيداندا كېلىشكە باشلىدى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنى، "ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى"نىڭ 24- ئاۋغۇستتىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان " شەرقنىڭ يېڭى ناتوسى مەيدانغا كەلمەكتە" ناملىق ماقالىدۇر.
ماقالە مۇئەللىپى سابىق ھىندىستان دىپلوماتى بولۇپ، 29 يىلى تاشقى ئىشلار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ھىندىستاننىڭ تۈركىيە، ئۆزبېكىستاندا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن سىياسىيون م ك ھادىراكۇماردۇر. ئاپتور ماقالىسىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر تەسىر دائىرىسى كەڭرى تەشكىلات بولۇپ قۇرۇلۇپ چىقىشتىكى ئۇتۇقلىرىنى، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر سۈپىتىدە قاتنىشىش ئىلتىماسى سۇنغانلىقىدا، دەپ كۆرسەتكەن.
ئاپتور خىتاي بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئۆز ئارا چۈشىنىش سەۋىيىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى بۇنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ھاياتى كۈچ بېغىشلىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە " ئىقتىساد ۋاقتى" گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ: " كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بىرلىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان كۆرسەتكەن سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسون بىلەن سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەنري كېسنگېر ئەسلىدىنلا كۆرۈشنى خالىمايدىغان نەرسىنىڭ نەق ئۆزى" ئىدى دەيدۇ.
ئۇ يەنە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن دۇنيا سىياسىتىدىكى "قۇدرەتلىك دۆلەت" ئەندىزىسىدىكى ئۆزگىرىش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تاشقى ئامىل بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، ناۋادا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلمىغان تەقدىردىمۇ، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ناتوغا ئوخشاش بىر سىياسىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شەكلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ناتوغا ئوخشاش تەشكىلات بولالمايدۇ
سۇئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان فرانسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى دېمبوۋسكا، پاترىك، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ناتو كەبى چوڭ ۋە كۈچلۈك تەشكىلات بولۇپ شەكىللىنىشتە ھەر تۈرلۈك شەرت-شارائىتلارنى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەمما خاراكتېر جەھەتتە ناتوغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان، پۈتۈن ئاسىيا قىتئە سىنى قاپلىغان بىر تەشكىلات بولۇپ قېلىشى مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ ھازىرچە بىر ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇنى بىر ئىقتىسادىي گەۋدە دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر، ئەركىن ئەكرەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى تۈزۈملىرىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئەڭ مۇھىمى بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىشتىكى مەقسەت- مۇددىئالىرىنىڭ ھەرخىل ئىكەنلىكى تۈپەيلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر ناتودەك كۈچلۈك تەشكىلاتى بولۇپ چىقالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
خىتاي بىلەن رۇسىيە غەرب بىلەن دۈشمەنلىشىشكە پېتىنالمايدۇ
ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە يەنە خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ بىرلىشىپ غەرب دۆلەتلىرىگە قارىشى شۇنداق بىر تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقسا ئۇلارنىڭ بولۇپمۇ، خىتاينىڭ تارتىدىغان زىيىنى، ئالدىغان پايدىسىدىن كۆپ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
كۆپىنچە غەرب كۆزەتكۈچىلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيادىكى ناتو غا ئايلىنالمايدىغانلىقى، چۈنكى، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆزلىگەن مەقسىتى ھەم ئۆزارا زىددىيەتلىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ بۇ تەشكىلاتتىكى رەھبەرلىك ئورۇندىكى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇقىمسىز ۋە ئۆزارا ئىشەنچىسىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. ئەمەلىيەتتە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئايرىم -ئايرىم ھالدا بۇ تەشكىلاتتىن پايدىلىنىپ، غەربكە ئۆز كۈچىنى كۆرسەتمەكچى بولغان بىلەن بەرى بىر سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ھەم باشقا جەھەتلەردە غەرب بىلەن زىچ باغلانغان ھەم ئۇنىڭغا تايانغان. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ، غەرب بىلەن ئاشكارا دۈشمەنلىشىشكە پېتىنالمايدۇ. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاساسىي مەقسەت يەنىلا خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتۇر
- ۋىلادىمېر پۇتىن رۇسىيىنىڭ ھاۋا ئارمىيە كۈچىنى نامايىش قىلدى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەقسىدى كۆپ قۇتۇپلۇق
- " تىنچلىق بۇرچى 2007" ناملىق ھەربىي مانېۋىرى ئاياغلاشتى
- خىتاي-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت
- خىتاي دۆلىتى تېررورىزىمنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتامدۇ؟
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلدى
- ھەربىي مانېۋىر ۋە ئولىمپىك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى
- " تىنچلىق بۇرچى" مانېۋىرى كىمگە قارىتىلغان؟
- داۋاملىشىۋاتقان ئىككى چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىماقتا
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ئۇيغۇر ئېلىدە