شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قەغەز يولۋاسمۇ ؟


2007.10.12

گەرچە بەزى ئانالىزچىلار، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي بىر ئىتتىپاققا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشتا بىر -بىرىدىن پەرقلىق مەقسەتلەرنى كۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي بىر ئىتتىپاققا ئايلىنىشىنىڭ قيىن ئىكەنلىكىنى، لېكىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دېموكراتىيە ۋە قانۇن ھاكىمىيىتىگە قارشى بىر ئىتتىپاققا ئايلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا.

سىياسىي ئانالىزچىلار، بۇ تەشكىلاتنى قەغەز يولۋاس دەپ قاراپ كەلگەن

1996‏- يىلى خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ۋە تاموژنا مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان شاڭخەي بەش گۇرۇپپىسىنىڭ بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ، 2002‏- يىلى ئۆزبېكىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئايلانغانلىقىدىن، بولۇپمۇ بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا رۇسىيىنىڭ چېليابىنسكى رايونى بىلەن ئۈرۈمچى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي مانېۋىر ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، بۇ تەشكىلات ۋە تەشكىلاتنىڭ يۈنۈلۈشى غەرب مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.

نۇرغۇنلىغان سىياسىي ئانالىزچىلار، دەسلەپتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا قارشى تۇرىدىغان بىر تەشكىلاتقا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ تەشكىلاتنى قەغەز يولۋاس دەپ قاراپ كەلگەن.

ئەمما، غەرب ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى، سىياسىي ئەركىنلىك ۋە قانۇن ھاكىمىيىتىنى ئوچۇق- ئاشكارا رەت قىلغان ۋە ئىران پرېزىدېنتى مەھمۇد ئەخمەدى نىجاتغا ئوخشاش ئامېرىكىغا ۋە غەربكە قارشى رەھبەرلەرگە ئۆز تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئىمكان يارىتىپ بېرىشى، غەرب مۇتەخەسسىس ۋە سىياسىيونلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشىگە سەۋەب بولماقتا.

خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاساسەن خىتاي ۋە رۇسىيە ئۆز سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي مەقسەتلىرىنى ئەمەل ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقان بىر قورالغا ئايلانغانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى " شەرقنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى"

سىياسىي ئانالىزچى ئالىسون بېلسنىڭ ئېيتىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە يەنى تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىي دىنىي كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى دەپ بېكىتكەنلىكى، غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قانۇنلۇق ئۆكتىچى تەشكىلاتلار دەپ قارالغان گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ھەتتا بەزى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 11‏- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇملىرى دۇنيادا قانداق تەسىرى قوزغىغان بولسا، شاڭخەي 5 گۇرۇپپىسىنىڭ 2001‏- يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئۆزگەرگەنلىكى شۇنداق تەسىر قوزغايدىغان بىر ۋەقە ئىكەن. لېكىن غەرب سىياسىي مۇتەخەسسىسلىرى 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن يېڭى قەد كۆتۈرۈشكە باشلىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، شەرقنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى سىزىپ يەتكەن.

ئۇلار، ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىشماقتا.

ۋاشىنگتوندىكى جۇرج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى سىن روبىرتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرلار ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا تېخى بۇ تەشكىلاتقا قارشى ئېنىق بىر سىياسەت بەلگىلىمىگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.