خىتاي دائىرىلىرى شايار ناھىيىسىدە كەڭ - كۆلەملىك ئىدىيىۋى تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتى قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شايار ناھىيىسىدە كەڭ - كۆلەملىك سىياسىي ئىدىيىۋى تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتى قوزغاپ، ھەرىكەتنى ناھىيىدىكى ھەر بىر ئائىلە ۋە شەخسلەرگە قەدەر ئىزچىللاشتۇرماقتا. ھەرىكەتنىڭ مەزمۇنى پۇقرالارنى ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش، 17 - قۇرۇلتاينىڭ روھى، شىنجاڭ تارىخىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، "بەشنى تىكلەش"، "تۆتنى تونۇش"، ھىزبۇل تەقرىر پارتىيىسىنى پاش قىلىش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار لىكسىيە سۆزلەش ئۆمەكلىرىنى تەشكىللىگەن. ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى بولسا يېزا - كەنتلەردە سىياسى تېمىدىكى سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندىماقتا.

"ئىدىيىۋى تونۇشى مۈجىمەللەرنىڭ تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش" كۈرىشى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شايار ناھىيىسىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسىي تەشۋىقات ۋە ئىدىيىۋى تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى ۋە قاپساش دائىرىسى ھەر بىر ئائىلە ۋە شەخسلەرگە قەدەر قانات يايدۇرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ناھىيە تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور سىياسى ھەرىكەت، دەپ قارالماقتا.

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ناھىيىدىكى 115 ئىدارە - جەمئىيەتنى، 150 كەنتتىكى دېھقان - چارۋىچىلارنى دىنىي ۋە مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن چەك - چېگرىسىنى ئايرىش، ھىزبۇل تەقرىر پارتىيىسىنى پاش قىلىش، ئاتالمىش "ئەكسىلئىنقىلابى " مەزمۇندىكى كىتاب ۋە نەشرىيات ئەپكارلىرىنى تاپشۇرۇش ئۈستىدە سىياسى تەلىم - تەربىيە خىزمىتى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ھازىرغا قەدەر 110 مىڭ دېھقان چارۋىچىنى سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتناشتۇردى.

شايار ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ "قىسقا خەۋەرلەر" گېزىتىدە ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى "دېھقان - چارۋىچىلار ئىچىدىكى ئىدىيىۋى تونۇشى مۈجىمەللەرنىڭ تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ چەك - چېگرىسىنى ئايرىشتۇر" دەپ تەكىتلىگەن. شايار ناھىيىسىنىڭ تارىم يېزىسىدىكى بىر دېھقان خانىم بۇ ھەرىكەت توغرىسىدا توختىلىپ، رادىئومىزغا ئوغۇللىرىنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك كەچلىك سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ناھىيىدىكى %90 دېھقان - چارۋىچى سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

شايار ناھىيىسىدە قانات يايدۇرىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى بۇ ھەرىكەت ئۇنىڭ 3 - باسقۇچى بولۇپ، خەۋەر مەنبەلىرىدە ھەرىكەتنىڭ بۇ باسقۇچى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە ھەرىكەتنىڭ 3 - باسقۇچىدىكى ئىككى ھەپتىلىك جەرياندا ناھىيىدىكى %90 دېھقان - چارۋىچى سىياسى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى ئىككى باسقۇچتىكى سىياسىي تەلىم - تەربىيە خىزمىتى ناھىيىدىكى ئىدارە - جەمئىيەتلەر ھەم ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلارغا ئېلىپ بېرىلدى. ھەرىكەتنىڭ نۆۋەتتىكى 3 - باسقۇچىدا دېھقان ‏- چارۋىچىلارنى ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر قايسى يېزا - كەنتلەرنىڭ پائالىيەت ئۆيى، يىغىن زالى ياكى كىنوخانىغا ئوخشاش ئاممىۋى سورۇنلارغا توپلاپ، مەركەزلىك تەربىيە بېرىش شۇنداقلا شەخسلەر بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىپ، يەككە تەربىيىلەش ئۇسۇللىرىنى قوللانماقتا. شايار ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ "قىسقا خەۋەرلەر" گېزىتىدە، ھەرىكەتنىڭ بۇ باسقۇچى "ئۇنىڭ ئۈنۈمىگە ئالاقىدار ھەل قىلغۇچ باسقۇچ " دەيدۇ.

مەركەزلىك تەربىيىلەشنىڭ مەزمۇنى دېھقان - چارۋىچىلارغا 17 - قۇرۇلتاينىڭ روھى، كومپارتىيىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلىپلا قالماي، يەنە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، بولۇپمۇ "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى ئايرىشتىكى 23 ماددىسى" دېگەن ھۆججەتنى ئۆگىنىشتۇر. لېكىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى ئايرىشتىكى 23 ماددىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تىلغا ئېلىنمىدى. بولۇپمۇ 23 ماددىنى ئۆگىنىش دېھقان - چارۋىچىلار بىلەن چەكلىنىپلا قالماي، ئەڭ تۆۋىنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 - يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قەدەر قانات يايدۇرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ماددىلاردا ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن. شايار ناھىيىسىدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىسى، رادىئومىزغا ھەر قايسى باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ ھەرىكەت ۋە دىنىي مەسىلىلەردىكى تونۇشىنى چۈشەندۈردى.

" ئەكسىلئىنقىلابى" تەشكىلاتلارنى، مەسىلە بار كىتاب ۋە گېزىت - ژۇرناللارنى پاش قىلىش تەلەپ قىلىندى

سىياسىي تەلىم تەربىيە ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى يەككە تەربىيىلەش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ دېگەنلىك ناھىيىلىك پارتكوم، بىرلىكسەپ بۆلۈمى، ج خ ئىدارىسى ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ لىكسىيە ئۆمىكى ھەر قايسى يېزا ‏- كەنتلەردىكى دېھقان ‏- چارۋىچى ياكى دىنىي زاتلار ئىچىدە "ئىدىيىسى مۈجىمەللەر" بىلەن ئائىلىسىدە ئايرىم شەخسى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ "كۆز قاراش ۋە ئىدىيىدىكى مۈجىمەللىكىنى تۈزىتىشىگە ياردەم قىلىشتۇر".

شايار ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ "قىسقا خەۋەرلەر" گېزىتىدە ئەسكەرتىشىچە، سىياسىي تەلىم تەربىيە ھەرىكىتىنىڭ 3 - باسقۇچىدا دېھقان - چارۋىچىلارغا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي تارىخ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان "شىنجاڭ تارىخى "، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، "بەشنى تىكلەش"، " تۆتنى تونۇش"، ھىزبۇل تەقرىر پارتىيىسىنىڭ " ئەكسىلئىنقىلابى "ماھىيىتىنى پاش قىلىش، ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر ۋە" ئەكسىلئىنقىلابى" تەشكىلاتلارنى پاش قىلىش توغرىسىدا سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىلغان شۇنداقلا مەسىلە بار دەپ قارالغان نەشرىيات ئەپكارلىرىنى، كىتاب ۋە گېزىت - ژۇرناللار بولسا پاش قىلىش ھەم ۋاقتىدا تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ "قىسقا خەۋەرلەر" گېزىتىدە ناھىيىدىكى 3 يېزىدا " ئەكسىلئىنقىلابى" تەشۋىقات ئەسەرلىرىدىن 8 پارچىسى تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىدى. شايار كېيىنكى 20 يىلدا سىياسىي ۋەقەلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان ناھىيە بولۇش بىلەن داڭ چىقارغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە سەزگۈر جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شاياردا سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى شايارنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

بۇ سۆزلەرنى گېرمانىيىدە ياشايدىغان شايارلىق زاتلاردىن ئوسمانجان مەمەت ئەپەندى رادىئومىز مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە تەكىتلىدى. ئۇ، شايار جەمئىيىتىدىكى يۇقىرىقى ئامىللار تۈپەيلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي تەربىيە ھەرىكىتىنى شاياردا قوزغىغانلىقى تاسادىپىي ئەمەس، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بىز شايار ناھىيىسىدىكى سىياسىي تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتى توغرىسىدا ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇرغا ئېرىشىش مەقسىتىدە شايار ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى غۇلامغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ سۇئالىمىزغا جاۋاب بەرمەي تېلېفوننى تاقىۋەتتى.

ھىزبۇل تەقرىر پارتىيىسىگە قارشى تەشۋىقات ھەيران قالارلىق ئىش

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شاياردىكى ھەرىكەتلەردە ھىزبۇل تەقرىر پارتىيىسىنى پاش قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئوسمانجان مەمەت رادىئومىزغا ئۆزىنىڭ شايار ناھىيىسىدە ئۇزۇن يىللار ياشىغان بولسىمۇ، لېكىن ھىزبۇل تەقرىر پارتىيىسىنىڭ شايار ناھىيىسىدىكى پائالىيىتىگە ئائىت گەپلەرنى 1 - قېتىم ئاڭلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شاياردا ھىزبۇل تەقرىر پارتىيىسىگە قارشى تەشۋىقات ھەرىكەت قوزغىغانلىقى ئۆزىنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

شايار ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ " قىسقا خەۋەرلەر" مەجمۇئەسى، شايار ناھىيىسىدىكى سىياسىي ئىدىيىۋى تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى "ھىزبۇل تەقرىر تەشكىلاتى" نىڭ ئەكسىلئىنقىلابى' ماھىيىتى ۋە ئەمەلىي زىيىنىنى چوڭقۇر پاش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىشتۇر " دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)