شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن يىغىنى جۈمە كۈنى ئاخىرلاشتى


2007.05.19

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي مۇتەخەسىسلىرىنىڭ، مۇشۇ يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا رۇسىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋرنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن مەسلىھەت يېغىنى جۈمە كۈنى ئاخىرلاشتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا تۆت كۈن داۋاملاشقان بۇ يېغىن جەريانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 6 دۆلەتنىڭ ھەربىي خادىملىرىھەربىي مانىۋېرنى قانداق ئېلىپ بېرىش ، مانېۋېر جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان قوراللار ۋە ھەربىي قاتناش ۋاسىتىلىرى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئالدىمىزدىكى ئاۋغۇست ئېيىدا رۇسىيىنىڭ ئۇرال تاغلىرىدىكى چىليابىنسڭ رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تېررورچىلىققا قارشى بۇ ھەربىي مانىۋېرغا خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان ھەربىي قىسىملىرى قاتنىشىدىكەن.

1996‏- يىلى خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاىسيا دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيە ئارىسىدىكى چېگرا ۋە تاموژنا مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان شاڭخەي 6 دۆلەت گۇرۇپپىسى، بارغانسېرى پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ھەربىي بىر ئىتتىپاققا ئايلانماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ۋە رۇسىيە بۇ تەشكىلاتتىن، ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ رامكىسى ئىچىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان كېلىشىملەر ئىمزالىغان. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.