خىتاينىڭ "شىنجاڭنىڭ يېڭى شەكىلدىكى شەھەر قۇرۇلۇشىنى تەرەققى قىلدۇرۇش لايىھىسى" ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى يېقىندا " شىنجاڭنىڭ يېڭى شەكىلدىكى شەھەر قۇرۇلۇشىنى تەرەققى قىلدۇرۇش لايىھىىسى" نامىدا ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ مىللىي قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئىستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىگە قويغان رەئىسى نۇر بەكرى بۇ لايىھىنى "يېڭى دەۋىرگە ۋە تەرەققىياتقا ماسلىشىش" دەپ مەدھىيىلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.07.14
qeshqer-cheqish-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ
AFP Photo

بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى مەزكۇر لايىھىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش مەقسىتىنى، " ئۇيغۇر مەدەنيىتىنى يوق قىلىش " دەپ كۆرسەتمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ شۇنىڭدەك ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ مەسىلىگە سەل قارىماسلىقىنى، كۈچىنىڭ يېتىشىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر مەدەنيىتىنى يوق قىلىشنى باھانە قىلغان بۇنداق لايىھىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى توسۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە ھازىرلىغان مەلۇماتقا دىققەت بەرگەيسىلەر.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر قاتارلىق قەدىمىي شەھەرلىرىدە تۈرلۈك قۇرۇلۇش پىلانلىرىنى يولغا قويۇپ، ئەسلىدە ئاسارە - ئەتىقە سۈپىتىدە ساقلىنىدىغان قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قەدىمىي كوچا ۋە قورا جايلارنى بۇزۇپ تاشلىماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قەدىمىي مەدەنىيەتنى قوغداش ئورگانلىرى ۋە خەلقئارا جامائەت قەدىمىي قەشقەر شەھەر كوچىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىشىنى، بىر مەدەنىيەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى دەپ قارىغان بولسا، ھەتتا بىر قىسىم ئاسارە - ئەتىقە قوغداش گۇرۇپپىلىرى " قەشقەرنى قوغداپ قالايلى" نامىدا ئاممىۋى ھەرىكەت باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل بۇزغۇنچىلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان.

تاشقى دۇنيانىڭ تەنقىدىگە پىسەنت قىلمايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆز دۆلىتىدە ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان خاتا سىياسەتلىرىنى، قانداق تەنقىدكە ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر، " بۇ، دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتى" دەپ قۇلىقىنى يۇپۇرۇپ، كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئىجرا قىلماقتا.

ئەلۋەتتە بۇ، خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان دېموكراتىك ئەللەرنىڭ، بولۇپمۇ ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، "خىتاينىڭ شىنجاڭنىڭ يېڭى شەكىلدىكى شەھەر قۇرۇلۇشىنى تەرەققى قىلدۇرۇش لايىھىىسى" ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، مەزكۇر لايىھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلچە مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەرنى گۈللەندۈرۈش باھانىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە سىياسىي ھەرىكەت قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 1000 يىللىق تارىخىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان مەمەت توختى ئەپەندى": خىتاي ھېچ تەپتارتماستىن تارىخنىڭ ئىزنالىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى، مەسىلەن، يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، ھەتتا تۈرك دۇنياسىنىڭ پىشۋاسى دەپ ئاتالغان مەخمۇد قەشقىرى ئوقۇغان خانلىق مەدرىس يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋىتىلدى" دېدى.

بۇ ھەرىكەتنىڭ مەيلى شەھەر قۇرۇلۇشىدا بولسۇن، ئىجتىمائى مەدەنىيەت ساھەسىدە بولسۇن، ئۇيغۇرلارغا ئىجابىي شەكىلدە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشىگە قىلچە ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەمەت توختى ئەپەندى،چەتئەللەردىكى تارىخى ئىزنالارغا بېرىلگەن ئەھمىيەت، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان خىزمەتلىرى ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا مەنسۇپ مەدەنىيەتنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان " شىنجاڭنىڭ يېڭى شەكىلدىكى شەھەر قۇرۇلۇشىنى تەرەققى قىلدۇرۇش" لايىھىسىنىڭ يەنە بىر خىل سىياسىي مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەمەت توختى ئەپەندى": بۇ ھەرىكەت، ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدە باشلانغان ئۇيغۇرلارنى سىگانلاشتۇرۇش يەنى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدە سەرگەردان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش ھەرىكىتى " دەپ ئاتىدى.

مەمەت توختى ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىكى بەزى رايونلارنى چىقىپ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرغانلىقىنى، تېخىمۇ چوڭ دائىرە بويىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش، ۋەتەن ئىچىدە بولسا جەنۇبتىن شىمالغا، شىمالدىن جەنۇبقا يۆتكەش ئارقىلىق ئىجتىمائى مۇھىتتىن ئايرىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۇرگۇزۇۋاتقان بۇ خىل سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان مەمەت توختى ئەپەندى بۇ توغرىدا پىكىر بايان قىلدى.

ئۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلى يېتەكچىلىكى ئاستىدىكى جەمئىيەتلەر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن سىياسىي ھەمدە تەشكىلى جەھەتتە مۇناسىۋەت ئورناتقان خەلقئارادىكى چوڭ تەشكىلاتلار، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش ئورگىنى بىلەن، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىنىڭ تارىخى ئاسارە - ئەتىقىلەر توغرىسىدىكى توختامنامىلىرى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەت تەشكىلاتى بىلەن بۇ ھەقتە ئورناتقان توختامنامىلىرى بويىچە قانۇنىي يوسۇندا پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن دىققىتىنى تارتىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەمەت توختى ئەپەندى يەنە، بۇ ھەرىكەتنى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىدىن باشلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىسىم - فامىلىسىنى قوللانغاندا، خىتاي تەلەپپۇزى بويىچە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.