خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شەھەرلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇۋاتقاندا، يېزىلار قانداق مەسىلىگە يۈزلىنىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە 9 - ئاينىڭ 20 -كۈنى 'ب ب س' نىڭ تور بېتىدە ئەركىن مۇنازىرە بولدى.
شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن يېزا نوپۇسىنىڭ شەھەرلەرگە ئېقىش سۈرئىتى ماسلىشالمايۋاتىدۇ
كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھرىدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت شەھەرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەندىن كېيىن يېزا نوپۇسىنىڭ شەھەرلەرگە كۆچۈپ كىرىشى تىز لىدى. يېزا نوپۇسىنىڭ شەھەرلەرگە كۆچۈپ كىرىشى يامان ئىش ئەمەس، ئەمما ھازىرقى مەسىلە شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن يېزا نوپۇسىنىڭ شەھەرلەرگە ئېقىش سۈرئىتى ماسلىشالمايۋاتىدۇ. ھازىرقى شارائىتتا بۇ نىسبەتنى ماسلاشتۇرۇش مۇھىم.
يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ ھاياتلىق مۇھىتى ناچار ئاۋسترالىيىدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېزىلارغا ، بولۇپمۇ يىراق جايلار غا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بەزى جايلاردا خەلقنىڭ ئىچىدىغان سۇ ، ئېلېكتىر قۇۋىتى، مائارىپ، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ھاياتلىق مۇھىتى ئىنتايىن ناچار، بۇنى ھۆكۈمەت كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ.
دېھقانلار شەھەرگە كىرگەندىن كېيىنمۇ ھال-كۈنى ناچار چوڭ قۇرۇقلۇقتىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر يېزىلىقلار بىلەن شەھەرلىكلەرنىڭ پەرقى بەك چوڭ. يېزىلىقلارنىڭ ھال -كۈنى يېزىدا ناچار ئىدى. ئۇلار ئامالسىز ھالدا شەھەرگە كىرسە، شەھەردىمۇ ناچار. شەھەرلەردە ئادەتتە ئەمەلدار جەمەتىنىڭ ھال -كۈنى ياخشى. ئۇلارنىڭ قولىدا پۇل بار، تايىنىدىغان ئارقا تېرىكى بار، ھەتتا قولىدا ئامېرىكا پاسپورتىمۇ بار. ئۇلار يول ئۈچۈن پۇل تۆلىمەيدۇ. قاۋاقخانىلاردىكى بەزمىگە پۇل تۆلىمەيدۇ. ئەگەر تىجارىتىگە بىركىم رىقابەت قىلسا، ئازادلىق ئارمىيىنى چاقىرىپ كېلىپ ئۇنى تۇتقۇزىۋىتىدۇ. باشقىلارنىڭ شىركىتىنىمۇ بازاردىن چىقىرىۋىتەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئارقا تېرىكى ئوردىدىكى ئەمەلدار. دېمەك، ھازىر دېھقانلار بىلەن كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ زىددىيىتى شەھەردىمۇ ئېغىر.
ھۆكۈمەت پۇل تاپسىلا بولدى، خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كارى يوق
جياڭسۇدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، يۇرتىمىزدا بىر سىنك زاۋۇتى بار. ئۇنىڭ تۇرخۇنىدىن كۈن بويى پۇرقىراپ قويۇق سېرىق ئىس چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ زەھەرلىك ئىس ئاسماننى قاپلاپ كېتىدۇ. بۇ زاۋۇتنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتتى. ئەتراپتىكى مەھەللىلەردە نەپەس ياللۇغى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىۋاتقان كىشىلەر، ئاخىرى راك بولۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەر كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. يەر ئاستىدا سېسىق سۇ ئاقىدىغان يوللارمۇ راۋان ئەمەس. بۇ يۇرتتىكى پۈتۈن خەلق بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇنلا ھۆكۈمەتكە بۇ زاۋۇتنى تاقىۋىتىش توغرىسىدا تەلەپ قويغان ئىدى. ئەمما ھۆكۈمەت بۇنىڭغا پىسەن قىلمىدى. ھۆكۈمەت پۇل تاپسىلا بولىدۇ، خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كارى يوق.
دەريالاردا ھازىر سۇ بىلەن بىللە زەھەرمۇ ئاقىدۇ
چاڭسا دىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ئۆزى باي بولۇش ئۈچۈن خەلقنىڭ ھاياتلىق مەنبەلىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇلار باي بولۇش ئۈچۈن ھاۋانى بۇلغىدى. ھاۋا بۇلغىنىۋىرىپ، ھازىر ئاسماندىن كىسلاتالىق يامغۇر ياغىدىغان بولۇپ قالدى. دەريالار بۇلغىنىپ بولدى، ئېقىن سۇ بىلەن بىللە زەھەرمۇ ئاقىدۇ. يەر ئاستى سۈيىمۇ بۇلغىنىپ، قۇدۇق سۈيىدىمۇ زەھەرلىك ماددىلار پەيدا بولدى. ھازىر ئىچىدىغان سۇدىلا زەھەر بولۇپ قالماستىن، كېسەلنى داۋالايدىغان دورىلارنىڭمۇ بەزىلىرى زەھەرلىك دورا. ھازىر خىتاي خەلقى سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش جەريانىدا زەھەرلىنىپ ئۆلۇۋاتىدۇ. بۇ- خىتايدا شەھەرلەشتۈرۈش جەريانىدا پەيدا بولغان يېزا مەسىلىسى.
يېزىلاردا ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ناھايىتى كۆپ
جىلىندىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي يېزىلىرىغا ئۆزى كېلىپ كۆرمىگەن ئادەم يېزىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلەلمەيدۇ. يېزىلاردا ھازىر ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ. بۇ ئىچىدىغان سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شەھەرلەشتۈرۈش جەريانىدا، ئەگەر ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلىنمىسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مائارىپ، ساقلىقىنى ساقلاش جەھەتتىمۇ مەسىلە چىقىدۇ.
خىتاينى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىتنى بۇلغاشتىن ئۆزگە يول يوقمۇ؟
ئىرلاندىيىدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، مەن خىتايغا بارغاندا دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى كۆرۈپ ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتىم. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن. خىتاينى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىتنى بۇلغايدىغان شۇنچە كۆپ زاۋۇتنىڭ ھەممىسى كېرەكمۇ؟ خىتاي ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا تەرەققىيات يولى يوقمۇ؟ باشقا دۆلەتلەر بۇنىڭسىزمۇ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ-غۇ؟
ئۇيغۇر دېھقانلىرىمۇ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا ئالدىرايدۇ
ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھازىر خەلقئارادا يۇقارقى كىشىلەردەك ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئېيتىشقا ئالدىرايدۇ. خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە كېلىپ رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان بىر كىشى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ئەركىن پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.