"قۇللۇق تامغىسى" ۋە "ئىستىمەس" ناملىق شېئىر ھەققىدە سۆھبەت

0:00 / 0:00

تۈركىيىدىكى شائىرە زەينۇرە ئۆزتۈرك خانىمنىڭ شېئىرلىرى تۈركىيىدىكى تور بەتلىرىدە ئارقا ‏-ئارقىدىن ئېلان قىلىنماقتا. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ پروگرامىمىزدا شائىرە زەينۇرە ئۆزتۈرك خانىمنىڭ `قۇللۇق تامغىسى `ماۋزۇلۇق شېئىرى بىلەن` ئىستىمەس `ناملىق شېئىرىنى ئاڭلىتىمىز.

`قۇللۇق تامغىسى` ناملىق شېئىردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئىنسانىي ھەق ‏- ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى، ئەگەر ئۇيغۇرلار پاك قەلبى بىلەن ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، ئۇ يۈرەكنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ مەشئىلى بولالايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان يۈرەكنىڭ قۇللۇق تامغىسىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەسلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

`ئىستىمەس` ناملىق شېئىردا بولسا، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بىز بۇ شېئىرلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئاپتور زەينۇرە ئۆزتۈرك خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)