شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 10 دۆلەت بۇنىڭدىن كېيىن ئورتاق قانۇن ۋە ئۆلچەم ئىجرا قىلىدۇ
2007.11.20
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى 20 - نويابىر كۈنى سىنگاپوردا 13 - قېتىملىق يىغىن ئېچىپ يېڭى نىزامنامە ئىمزالىدى. بۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا 40 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىمزالانغان يېڭى نىزامنامە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەمدى بۇ يېڭى نىزامنامە ئارقىلىق، پۈتۈن ئەزا دۆلەتلەر ئارا ئورتاق قانۇن ۋە بىرخىل ئۆلچەم ئىجرا قىلىدىغان تەشكىلاتقا ئايلاندى.
تەشكىلاتنىڭ قارىمىقىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قۇرۇش بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم نوقتا
ئاكى ئاخبارات تورى AKI نىڭ سىنگاپوردىن خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يېڭى نىزامنامىسىدا، بۇ تەشكىلاتنىڭ خەلقئارالىق سۆھبەتلەردىكى قانۇنىي كىملىكى، سودا، مەبلەغ سېلىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئورتاق ئۆلچەم بەلگىلەنگەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يېڭى نىزامنامىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ قارىمىقىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قۇرۇش بەلگىلەنگەنلىكى، بۇ تەشكىلاتتا پەيدا بولغان يېڭىلىقلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم نوقتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەھىد ھەمىت ئاربانىڭ قارىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ يېڭى نىزامى ئەمدى بۇ تەشكىلاتنى تۈپ نىگىزىدىن يېڭىلايدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا ئىمزالانغان يېڭى نىزامنامىغا ئاساسەن، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى 2015 - يىلىدىن بۇرۇن بىر تۇتاش ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ شەكىللىنىدۇ.
ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، خىتايدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرلىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ يىغىنىدىن پايدىلىنىپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 'شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى' دېگەن بۇ تەشكىلات 1967 - يىلى ھىندونېزىيە، سىنگاپور، تايلاند، فىلىپپىن، مالايسىيادىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بانكوكتا يىغىن ئېچىپ ئىمزالىغان "شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاپنامىسى' غا ئاساسەن قۇرۇلغان تەشكىلات ئىدى. بۇ تەشكىلاتقا 1984 - يىلى برونېي، 1995 - يىلى ۋيېتنام، 1997 - يىلى بېرما، لائوس، 1999 - يىلى كامبودژا ئەزا بولۇپ قوشۇلدى. ھازىر بۇ تەشكىلاتقا ئەزا 10 دۆلەت دائىرىسىدە 530 مىليون نوپۇس بار.
'شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى' قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاۋسترالىيە، كانادا، خىتاي، ياۋرۇپا بىرلىكى، ھىندىستان، ياپونىيە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا، بۇ تەشكىلات بەزىدە ئۆزىدىن باشقا بىر دۆلەت بىلەن ياكى ئۆزىدىن باشقا ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن بىللە يىغىن ئېچىپ مۇھىم ساھەلەردە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى 'شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى' سىنگاپوردا يىغىن ئېچىلىۋاتقاندا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرلىرى مۇشۇ يىغىننىڭ مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش بۇيىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە بۇ جەھەتتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قۇرۇش مەسىلىسدە فىلىپپىن بىلەن بېرما ئوتتۇرىسىدا جىددىي مۇنازىرە يۈز بەردى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىنگاپوردا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى يىغىنىدا يېڭى نىزامنامە ئىمزالاش جەريانىدا، بۇ تەشكىلاتنىڭ قارىمىقىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قۇرۇش مەسىلىسىدە فىلىپپىن بىلەن بېرما ئوتتۇرىسىدا جىددىي مۇنازىرە يۈز بەردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فىلىپپىن تەرەپ بېرمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ' ئەگەر بېرما دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلمىسا، بېرمىنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەت رەھبىرى، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان ئاڭ سەنسۇچى خانىمغا قويغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلمىسا، خەلقنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلمىسا، فىلىپپىن پارلامېنتى بۇ تەشكىلاتنىڭ يېڭى نىزامنامىسىنى تەستىقلىمايدۇ' دېگەن.
بېرما بولسا 'باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق' پرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، يەنىلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى نىزامنامىسىغا ئىمزا قويدى. ئەمدى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بېرما مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تەييار. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىۋەتتى
- ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكىنى قۇرۇش كۇن تەرتىپى يېقىنلاشماقتا
- "خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ھۇلىغا دەز كەتتى" ناملىق ماقالە ھەققىدە
- ئامېرىكا - خىتاي سودا تالاش - تارتىشلىرى داۋاملاشماقتا
- ئاساسىي مەقسەت يەنىلا خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتۇر
- خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان ئويۇنچۇقلار تۈركىيىدىمۇ يىغىۋېلىنماقتا
- خىتاي تاشقىي پېرىۋۇت زاپىسىنى ئامېرىكىغا قارشى كوزۇر قىلىپ قوللىنامدۇ ؟
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاي يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- ئۇيغۇر سودىگەرلەر: خىتاينىڭ پاسپورت يىغىشى -ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان
- خىتاي-تۈركىيە سودا مۇناسىۋىتى
- خىتايغا پايدا كەلتۈرىۋاتقان ئامېرىكا -خىتاي سودا-ئىقتىساد مۇناسىۋىتى
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم سودا ئورۇنلىرىنىڭ ئىسىمىنى ئۆزگەرتمەكتە
- چەتئەللىكلەرگە ئۈرۈمچى خەلقئارالىق ئايرودرومىنىڭ ئۆزىدىلا بىۋاستە ۋىزا بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن