در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى تېمىسىدىكى دوكلاتى
2007.05.31
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتىت، ئىنستىتۇت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كونفىرانسلارنى ئۆتكۈزمەكتە.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى تۈرك ئوجاقلىرى ئىزمىر شۆبىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى تېمىسىدا دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىندا ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى تېمىسىدا دوكلات بەرگەن.
در. ئىنايەت، بۇ دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسمىنىڭ كېلىپ چىقىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يوللىرى دېگەن تېمىلار ئۈستىدە ئۆز تەتقىقاتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ يىغىنغا ئىزمىردىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتىت ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات ئەزالىرى، ئۇيغۇر دوستلىرىدىن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشقان. بىز بۇ دوكلاتنى چۆرىدىگەن ھالدا در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ، در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن قىلغان سۆھبىتى ۋە دوكلات مەزمۇنى توغرىسىدىكى بەرگەن مەلۇماتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنىڭ روھى بىشكەكتە
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەخپىي ھۆججىتى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى
- خىتايدا ھازىر قانداق مەدەنىيەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ؟
- تۈركىيىدە يايلاق فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى
- شىۋىتسىيىدە، ئۈمىد يۇلتۇزى ناملىق مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۇيغۇرلاردا پاكىزلىق مەدىنىيىتى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى تارىخىي مۇزېي
- " شىنجاڭ ناخشىلىرى" ئۇيغۇرلاردا زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (1)
- تۇرپاندىكى قەدىمىي شەھەرلەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىماقتا
- تۈركىيە تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان توغرا يول پارتىيىسىنى زىيارەت قىلدى
- سائادەت پارتىيىسى رەھبىرى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى