شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا باھا

2007-08-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

atliq-esker.jpg
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ئاتلىق پولكنىڭ ئەسكەرلىرى. Photo by UAA

1949-يىلى 8-ئايىنىڭ 27-كۈنى، 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە بەش يىل مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتىشى بويىچە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى، گېنېرال ئىسھاق بەگ مۇنونوپ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قازا قىلغان خاتىرە كۈنىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى تارىخى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، غەرب ئالىملىرىدىن ئاندرەي فوربېس، لىندا بېنسون ۋە باشقىلار مەزكۇر تېما ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆز تەتقىقاتلىرىنى ئېلان قىلدى. ئەلۋەتتە، خىتايدىمۇ "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى" دېگەن نام ئاستىدا بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئەمگەكلەر يورۇقلۇققا چىققان بولسىمۇ، بىراق غەرب ئالىملىرى، ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ھەم شاھىتلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى خىتاي تارىخچىلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىلەر مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شىتاتىدىكى بىر تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت