شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى گېرمانىيىنىڭ كۆلىن شەھىرىدە تەشۋىقات پائالىيەت ئېلىپ باردى


2008.02.26

مۇشۇ ئاينىڭ 23 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى بىلەن ئەزەربەيجان تەشكىلاتلىرى 1992 - يىلى 25 - فېۋرالدا ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاراباغ ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كوللېكتىپ قەتلىئام ۋە 1997 - يىلى 5 - فېۋرالدا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىنىڭ كۆلىن شەھىرىدە بىرلىكتە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى كۈرەش ئاتاخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرمىنىيە 1992 - يىلى 25 - فېۋرالدا ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاراباغ ۋىلايىتىگە ھۇجۇم قىلىپ 613 تىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. ئەسلى بۇ پائالىيەت ئەزەربەيجان تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن مەزكۇر ۋەقەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىمۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋ س د پلاستىنكىلىرى، ژۇرنال ۋە باياناتنامە قاتارلىق ھەر خىل تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كەلگەن مىللىي زۇلۇم، ئىرقىي ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسلارنى گېرمان، تۈرك خەلقلىرىگە ھەمدە باشقا ساياھەتچىلەرگە ئاڭلىتىپ ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ كۈرەش ئاتىخان ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.