خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ قەبرىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا

مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم خوتەن خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلىماسى بولۇپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا سابىت داموللاملار بىلەن بىرلىكتە خوتەندە ئىنقىلاپ قىلىپ، ھۆكۈمەت قۇرغان ۋاقىتتا، مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنى خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىقىغا سايلىغان ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009-02-16
Share

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم توغرۇلۇق مۇنداق دىدى:" بۇ كىشى خوتەن خەلقىنىڭ كاتتا ئۆلىماسى ئىكەن، مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا خوتەندە ئىنقىلاپ قىلغاندا، سابىت داموللاملار بىرلىشىپ بۇ كىشىنى خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى قىلىپ سايلىغان، ھەمدە بۇ كىشى " مەلىك ھەزرەت" دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشكەن ئىكەن. كېيىنچە ئىنقىلاب مەغلۇب بولۇپ، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى تۇنگانلارنىڭ قولىدا يېقىلغاندىن كېيىن، 1934 - يىلى خوتەن ئىنقىلابچىلىرى ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. لېكىن مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم دوستى ئابدۇلجېلىل داموللام بىلەن ئانا ۋەتەندە قېلىپ بېشىغا كېلىدىغانلارنى كۈتۈش قارارىغا كېلىدۇ ۋە ھىجرەت قىلىش پىكرىگە كۆنمەيدۇ."

مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتى

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم يەنە مۇنداق دىدى:" تۇنگانلار تۆت يىلغىچە مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمغا ئۇلار چېقىلمىغان. پەقەت 1937 - يىلى شىڭشىسەي ھاكىمىيىتى تۇنگانلارنى قوغلاپ چىقىرىپ خوتەننى بويسۇندۇرغاندا، خوتەندىكى ئىسلام ھاكىمىيىتى ۋە مەھكىمە شەرئىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ۋە دىنىي ئالىملار، ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر تەقىبلىنىشكە باشلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم كەشمىرگە ھىجرەت قىلىپ كېتىدۇ. دوستى ئابدۇلجېلىل ھاجىم خوتەندە قېلىپ قالىدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي تۈرمىگە تاشلىنىپ، تۈرمىدە ھاياتى تۈگەيدۇ."

مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىشى

مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم 1938 - يىلى كەشمىردىن ئايرىلىپ مىڭ جاپادا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ كېلىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشقا باشلايدۇ.

1949 - يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ۋاپات بولۇپ، پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ يېنىدىكى " بەقى" فەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت