شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسىمجان ھاجى

1931 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغان خەلق ئازاتلىق ئۇرۇشى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلارنىڭ نۇرغۇنلىرى چەت دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان قاسىمجان ھاجىممۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009-04-09
Share

قاسىم ھاجىمنىڭ كىئوغلى، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان، مۇندىن 60 يىل ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيىسى تەركىبىدە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىغا ئىشتىراك قىلغان، 92 ياشلىق مۇھەممەد رەھمەتۇللا ئاكا بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

مۇھەممەد رەھمەتۇللا ئاكا بىلەن سۆھبەت

مۇھەممەد رەھمەتۇللا ئاكا قاسىمجان ھاجىمنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: "قاسىمجان ھاجىم مېنىڭ قېين ئاتام، كوممۇنىستلار كەلگەندە چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئىكەن، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەن، سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۆز ۋاقتىدا شەرقى تۈكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ خارجى مىنىستىرى بولغان. قاسىمجان ھاجىم 1901 - يىلى خوتەننىڭ ئىلچىدە ھاللىق تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىپتىدائىي تەلىمىنى خوتەندە ئالغان بولۇپ، قەشقەر، ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە ھەم تىجارەت ھەم بىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن يۈرگەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر مۇسا جارۇللا بىلەن ئۇچراشقان. مۇسا جارۇللا بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭدىن مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىن روھىي كۈچلەرنى ئالىدۇ. كېيىنچە تىجارىتىنى تۇرپانغا يۆتكەپ بېرىپ شۇ جايدا تۇرۇپ قالىدۇ ۋە مەشھۇر قوماندان مەھمۇد مۇھىتىنىڭ قىزى رەھىمە خانىمغا ئۆيلىنىدۇ. كېيىنچە ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىدۇ. قۇمۇلدا ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، خوتەندە ئىنقىلاپ پارتلىغاندا خوتەن مۇجاھىدلىرى بىلەن بىرگە جەڭگە ئاتلىنىپ، كېيىنچە قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان.  1934 - يىلى ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان."

قاسىمجان ھاجىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئەمگەكلىرى

مۇھەممەد رەھمەتۇللا ئاكا يەنە مۇنداق دىدى: " قاسىمجان ھاجىم ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تارىخى ئەسەرلەرنى يازغان، خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چاقىرىلغان ئىسلام قۇرۇلتايلىرىغا ئىشتىراك قىلغان. ئىسلام ئەللىرىنىڭ مەشھۇر كىشىلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقى ئالاھىدە بولۇپ، شۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلەب قىلىش مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۇلارغا تونۇشتۇرۇش يولىدا ئۇنتۇلماس خىزمەتلەرنى قىلغان.ئۆزى ئانا تىلىدىن باشقا پارسچە ۋە ئىنگىلىزچىنى بىلەتتى. بىر ئوغۇل، 3 قىز، جەمى 4 بالىسى بىلەن پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزگەن."

قاسىمجان ھاجىمنىڭ ۋاپاتى

مۇھەممەد رەھمەتۇللا ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، قاسىمجان ھاجىم 1981 - يىلى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە دۇنيادىن ئۆتكەن. بۇ كۈنى پاكىستان، ھىندىستان، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ گېزىت - جۇرناللىرىدا ئۇنىڭ ۋاپاتى ئېلان قىلىنغان، كۆپلىگەن مەرسىيە شېئىرلار يېزىلغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت