شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە غەرب دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەر


2007.11.14

1912-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تارىخى ، بولۇپمۇ ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە غەرب دۇنياسىدىمۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان بەزى تەتقىقاتلار ئېلان قىلىندى. غەربتىكى تەتقىقاتلار ۋە كۆز قاراشلار خىتايدىكىدىن روشەن پەرقلىقتۇر.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان غەرب دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان تارىخى توغرىسىدا بەزى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەكىل خاراكتېرلىقلىرى ئەنگلىيە تارىخشۇناسى ئاندرېۋ فوربېسنىڭ " خىتاي مەركىزىي ئاسىياسىدىكى مىلىتارىستلار ۋە مۇسۇلمانلار، شىنجاڭنىڭ 1911-1949-يىللىرىدىكى سىياسىي تارىخى" ناملىق كىتابى بولۇپ، بۇ ئەسەر 1986-يىلى كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

مەزكۇر كىتابتا تۇنجى قېتىم بىر قەدەر سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سىياسىي تارىخىنى يورۇتۇشقا تىرىشىلغان بولۇپ، ئاپتور ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ دىپلوماتىك ئارخىپلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بىلەن بىرگە يەنە تۈركچە، خىتايچە ئەسەرلەردىنمۇ پايدىلانغان. ئاندرېۋ فوربېس ھەقىقەتەن، 30-يىللاردىكى قەشقەردە تەسىس قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىزىقارلىق مەلۇماتلارنى بەرگەن ھەمدە 40-يىللاردىكى غۇلجىدا تەسىس قىلىنغان جۇمھۇرىيەت ھەققىدىمۇ خېلى كۆپ توختىلىپ، ئۆزىگە خاس يەكۈنلەرنى چىقارغان.

بۇ كىتاب غەرب دۇنياسىدا ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش قوللانمىسى بولۇش رولىنى ئوينىماقتا.

بىراق، ئۇنىڭ ماتېرىيال مەنبەسى ئاساسەن دېگۈدەك ئىنگلىز، ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە خەنزۇچە ھۆكۈمەت ماتېرىياللىرى بولغاچقا مەسىلىلەردىن خۇلاسە چىقىرىشتا بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالى بولالمىغان.

1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى، سىياسىي مەسلەك كۈرەشلىرى ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان كىشى ئامېرىكا ئالىمى لىندا بېنسون بولۇپ، ئۇنىڭ " ئىلى ئىنقىلابى" ماۋزۇلۇق كىتابى 1990-يىلى نىيوركتا نەشىر قىلىنغان.

بۇ كىتاب غەرب دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم 1944-1949-يىللىرىدىكى شىنجاڭدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەمدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات قىلىنىش نەتىجىسىدە يېزىلغان مونوگرافىيە بولۇپ، بۇ ئەسەر مەزكۇر تەتقىقات تېمىسى بويىچە كۆرۈنەرلىك تۆھپە بولۇش بىلەن ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ ئىلمىي ۋە پايدىلىنىش قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.

لىندا بېنسون غەرب دىپلوماتلىرىنىڭ ۋە ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھەمدە دىپلوماتىك ھۆججەتلەردىن تولۇق دېگۈدەك پايدىلانغاندىن تاشقىرى تەيۋەندىكى گومىنداڭ ئارخىپلىرى شۇنىڭدەك تەيۋەن ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا نەشىر قىلىنغان خىتايچە ماتېرىياللارنىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئىشلەتكەن. ئەلۋەتتە ، لىندا بېنسون يەنە تۈركچە ۋە خىتايچە مەنبەلەردىن پايدىلىنىش ئاساسىدا مەسۇد سابىرى ، ئەيسا يۈسۈپ ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىق ئەپەندىلەرنىڭ ئىدىيىسى ۋە پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىقلار بىلەن ئېلىپ بارغان 1946-يىلىدىن1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سىياسىي ئىدىيە توقۇنۇشلىرى ھەققىدىمۇ تۇنجى قېتىم مەخسۇس توختالغان غەرب ئالىمىدۇر.

ئىلى ئىنقىلابىغا ئائىت ئاخىرقى يېڭى كىتاب ئاۋستىرالىيىلىك خىتاي مىللىتىدىن بولغان داۋىد ۋاڭنىڭ " ئىلى ۋەقەسى،1944-1949-يىللىرىدىكى شىنجاڭدىكى مىللىي توقۇنۇشلار ۋە خەلقئارا رىقابەتلەر " ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىدۇر.

بۇ كىتاب شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار تازا كۆپەيگەن ۋاقىتلاردا مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن داۋىد ۋاڭ ماتېرىيال مەنبەسى جەھەتتە لىندا بېنسوندىن باي بولۇشىغا ، ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنىڭمۇ كۆپەيگىنىگە قارىماي، ئۆزىنىڭ شۇنچە چوڭ كىتابىدا ئۇيغۇرچە ماتېرىياللاردىن يېتەرلىك پايدىلانمىغان، پەقەت بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەربابلىرىنىڭ خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قانچە پارچە ئەسىرىنىلا كۆرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئومۇمى سىياسىي تارىخى، بولۇپمۇ ، 1912-1949-يىللىرىدىكى سىياسىي تارىخى، ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە ئاز بولسىمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرچە مەنبەلەرنى ئىشلىتىش ئاساسىدا ئومۇملاشتۇرۇپ توختالغان ئالىم ئامېرىكىدىكى جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جامېس مىللۋارد بولۇپ، ئۇ يېقىندا غەرب دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخىنى قىسقارتىپ بايان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن يېزىپ چىقتى. ئاپتورنىڭ "ياۋرو ئاسىيا ئۆتكىلى -شىنجاڭنىڭ تارىخى" ناملىق كىتابى 2007-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئاپتور كىتابىنىڭ 60 بەتكە يېقىن قىسىمىنى ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرگە بېغىشلىغان.

بۇلاردىن باشقا يەنە جوھن خوپكنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا-كاۋكازىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پرېزىدېنتى فرېد ستار رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان غەرب دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈچ يىللىق "شىنجاڭ تەتقىقات پىلانى " نىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە چىقىرىلغان پروفېسسور فرېد ستارنىڭ باش تەھرىرلىكىدە نەشىر قىلىنغان " شىنجاڭ: خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار چېگرىسى" ناملىق كىتابنىڭ پروفېسسور جامېس مىللۋارد بىلەن دوكتور نەبىجان تۇرسۇن بىرلىشىپ يازغان " 1884-1978-يىللىرىدىكى سىياسىي تارىخ ۋە كونترول قىلىش ئىستىراتېگىيىسى" ماۋزۇلۇق 3-بابىدىمۇ ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرى تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلارغا ئورۇن بېرىلگەن.

ئەلۋەتتە، يۇقىرىدىكىلەر مەخسۇس كىتابلار بولۇپ، بۇ ھەقتە يەنە كۆپلىگەن ماقالىلارمۇ مەۋجۇت. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.