رۇسىيىدە يېڭى نەشىر قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى كىتابلار


2007.11.21

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بىر قىسىم رۇس تارىخچىلىرى ۋە ژورنالىستلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئارخىپلىرى ئارىسىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئازادلىق ئىنقىلابلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى جۈملىدىن سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ 30- ۋە 40- يىللاردا مەيدانغا كەلگەن ئىككى شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئىلگىرى مۇتلەق مەخپىي دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى بىر-بىرلەپ قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئۆز ماقالىلىرى ۋە مەخسۇس كىتابلىرى ئارقىلىق يورۇتۇشقا باشلىدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئورنى

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن قىسقىغىنا ئون نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە گەرچە مەزكۇر تېما ھەققىدە بىر قانچە مەخسۇس كىتابلار مەيدانغا كەلدى شۇنىڭدەك رۇسىيىنىڭ بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلىرىدە ئىلمىي ئۇنۋان ئالىدىغان مەخسۇس تېمىلارغا ئايلاندى.

بۇ مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن كىتابلارنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىقلىرىدىن بىرى رۇسىيىنىڭ بارنائۇل دۆلەتلىك پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋالېرىي بارمىننىڭ 1998- يىلى ۋە 1999- يىلى نەشىر قىلىنغان " 1918- 1941- يىللىرىدىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ" ۋە " 1941- 1949-يىللىرىدىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى شىنجاڭ " ناملىق ئىككى توملۇق مونوگرافىيىسى ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق بولۇپ، بۇ كىتابلاردا ئاپتور تۇنجى قېتىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت مەخپىي تۇتقان ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سىياسىي تارىخى، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەمدە خىتايغا قاراتقان تاشقى سىياسىتى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان.

بۇ كىتابتىن باشقا يەنە چۆچەكتە چوڭ بولغان رۇسلاردىن ۋاسىلىي پېتروۋنىڭ " ئاسىيانىڭ قوزغىلاڭچى يۈرىكى" (2003 - يىلى. موسكۋا) ناملىق كىتابىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، گەرچە بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىسقىچە ئومۇمىي تارىخى تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن كىتابتا ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىگە خېلى كۆپ مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان

ۋادىم ئوبۇخوۋ: "ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن ئېلىشىشى"

بۇلاردىن باشقا يەنە بىر ئەڭ يېڭى كىتاب" ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن ئېلىشىشى " ناملىق ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتاب قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق رۇس ژورنالىستى ۋادىم ئوبۇخوۋ تەرىپىدىن تەرىپىدىن ئۇزۇن يىللار ماتېرىيال توپلاش ئارقىلىق يېزىلىپ، بۇ يىل موسكۋادىكى " ۋېچې" نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان.

كىتابتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېلىپ بارغان مىللىي مۇستەقىللىق قوزغىلاڭلىرى ۋە قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭدەك بۇ دەۋردىكى سىياسىي تارىختا رۇسىيە كۆچمەنلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوينىغان رولى ھەم باشقا مەسىلىلەر يورۇتۇلغان. ئاپتور ئەسەردە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىرلىق بولۇپ كەلگەن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاشقا تىرىشقان،

ۋادىم ئوبۇخوۋ كىتابىدا 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە، خىتاي، ياپونىيە، ئامېرىكا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە بىر مەيدان يوشۇرۇن ھەم ئاشكارە كۈرەش ئېلىپ بارغانلىقى، بۇ كۈرەشلەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر خىل ئامىللاردىن پايدىلىنىپ، غالىپ چىقىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى نامدا خىتاينىڭ تەۋەسىدە قالدۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئۆزىنىڭ ھەربىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەسىرى ئاستىدا تۇتۇشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئورتاق يەكۈن - ئۇيغۇرلار مەنپەئەتلەر قۇربانى

يۇقىرىدا نامى ئاتالغان رۇس ئاپتورلىرىنىڭ يەكۈنلىرىگە تايانغاندا، سابىق سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى قەرت قىلىپ ئوينىغان. موسكۋا رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىنى باشتا قوللاپ، كېيىن ئۆز دۆلەت مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋەتكەن.

قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت ھېسابلاپ، ئۇنى پەقەت خىتاي، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ياپونىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رايوندىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ھەم ئۇلارنى سىقىپ چىقىرىش جەريانىدىكى دىپلوماتىك ئويۇنلارنىڭ قۇربانى قىلىۋەتكەن خالاس.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.