
2008 - يىلى 2 - ئاينىڭ 23 كۈنى ئىستانبۇل شەھرىدە، تۈركىيىنىڭ "ياۋرۇپا - ئاسىيا بىرلىكى ۋەھپى" "شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەقىقەتì" تېمىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇردى. يىغىن "ياۋروپا - ئاسىيا بىرلىكى ۋەھپى" نىڭ ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجى رايونىدىكى مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ ئەنقەرە شۆبە باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇل - خادىملىرى، ئەزەربەيجان جەمئىيىتى مەسئۇللىرى، "ياۋروپا - ئاسىيا بىرلىكى ۋەھپى" نىڭ مەسئۇل خادىملىرى، تۈركىيە يېشىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇيغۇرشۇناسلار، يازغۇچى، پروفېسسورلار بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. كۆرگەزمىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈرمىدە قىيناپ، بۇرنىغا لازا قۇيۇۋاتقان، بېشىغا سوغۇق سۇ قۇيۇپ مۇزلىتىۋاتقان زۇلۇم - ئىشكەنجىلىرى ئىپادىلەنگەن رەسىملەر يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. يىغىنغا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان 30 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن "ياۋرۇپا - ئاسىيا بىرلىكى ۋەھپى" نىڭ باشلىقى شابان گۈلباھار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئارسلان ئالىپتېكىن قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلدى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
يىغىن ئاخىرىدا ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى "ياۋرۇپا - ئاسىيا بىرلىكى ۋەھپى" باشلىقى شابان گۈلباھار ئەپەندىگە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈردى ھەمدە دادىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھايات - كەچۈرمىشلىرى يېزىلغان كىتابنى تەقدىم قىلدى. شابان گۈل ئەپەندى كىتابنى قولىغا ئېلىپ، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ " 90 ياشقا كىردىم ئىككى كۆزۈمدىن ئايرىلدىم. ئەمما قەلبىمدىكى مۇجادىلە قىلىش ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرۈش ئىرادەمدىن ھېچقاچان ئايرىلمىدىم" دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
شابانگۈل ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە، تۈرك دۇنياسى مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەپ "ياۋرۇپا - ئاسىيا بىرلىكى ۋەھپى" نىڭ شەرەپ تاختىسىنى تەقدىم قىلدى.
بىز يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. (ئارسلان)