خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى شەرقىي تۈركىستانچىلارغا باغلىدى


2008.02.20

خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايمىز، دېگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشى كېرەك، دەپ قىستاۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى راستىنلا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتامدۇ ؟ لېكىن چەتئەلدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەقسىدىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا.

" شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارماقچى "

شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بۇ سۆزلەرنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى نيۇ چىڭباۋ، بېلگىيە پايتەختى برىيۇسېلدىكى بىر خەلقئارا بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئۇ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ئىلگىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا خىتاي ئەسلىھەلىرىگە قارشى ھۇجۇم پىلانى قۇرغانلىقىنى شۇنداقلا " ئۇلار يېقىندىن بېرى، 2008 ‏- يىلقى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا يەنە، تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى" ئەسكەرتىدۇ. "پۇقرالار ۋە ئىقتىسادى ئەسلىھەلەرنى قوغداش، تېررورچىلىق ۋە تەشكىللىك جىنايىتى ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش " دېگەن تېمىدىكى بۇ يىغىن مادرىد كۇلۇبى ۋە شەرق - غەرب ئىنستىتۇتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، برېيۇسېلدىكى دۇنيا تاموژنا تەشكىلاتىنىڭ قارارگاھىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىدى.

نيۇ چىڭباۋنىڭ يۇقىرىقى بايانلارنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن مەزگىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە 2 نەپەر شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىتىنى ئۆلتۈرگەن، 15 كىشىنى ئەسىر ئالغانلىقىنى جاكارلىغان شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن خوڭكوڭنىڭ " سۇمرۇغ " تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇر دىنىي ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرغانلىقىنى ئاقلىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى. نيۇ چىڭباۋ برېيۇسېلدىكى سۆزىدە 4 ‏- يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە قايسى تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان تەشكىلاتنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي، ئۇلارنى پەقەت "شەرقىي تۈركىستان تېررورچى كۈچلەر " دەپ ئاتايدۇ.

" خىتاي ئۆز ۋەدىسىنى ئورۇندىماسلىقنىڭ باھانىسىنى ئىزدەۋاتامدۇ ؟ "

بەزى مۇتەخەسسىسلەر نيۇ چىڭباۋنىڭ برېيۇسېلدىكى سۆزى خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا دىققەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىدى، دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى توختىتىش، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى بېسىمى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، كىشىلەردە خىتاي ئۆز ۋەدىسىنى ئورۇندىماسلىقنىڭ باھانىسىنى ئىزدەۋاتامدۇ ؟ دېگەن گۇمانغا تۇغدۇرماي قالمايدىكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي، سىياسىي ھەم مەدەنىيەت ئەركىنلىكىگە زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ئىدى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، ئەركىنلىك سارىيى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىقلار يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسىلىسىدە ئالاقىدار دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرماقتا.

" شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا بىئوخىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتمەكچى "

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىچكى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سالاھىيىتى بىلەن برېيۇسېلدىكى يىغىنغا قاتناشقان نيۇ چىڭباۋ، يىغىندا خەلقئارا جەمئىيەتنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىدۇ. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ بەزى مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا بىئوخىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەقە توغرىسىدا بەرگەن دۈشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە بىئوخىمىيىلىك قوراللار تەھدىتىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى مەۋجۈت تاسادىپىي يادرو ۋە بىئوخىمىيىلىك قوراللار تەھدىتىگە قارشى تەلىم ‏- تەربىيە ئېلىۋاتقانلىقىنى يازىدۇ. لېكىن يادرو ۋە بىئوخىمىيىلىك قوراللارنىڭ تەھدىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ كىشىلەرنى قورقۇتۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چەتئەلدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىئوخىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى يوقلۇقىنى ۋە خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا بۇ تەشكىلاتلارنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇشتۇر، دەپ قارىماقتا.

" ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچى ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش سىياسىتىگە شېرىك بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ "

مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچى ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش سىياسىتىگە شېرىك بولۇپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىللېر يانۋار ئېيىدىكى بېيجىڭ سەپىرىدە، FBI نىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدىكى بىخەتەرلىك تەجرىبىسىنى خىتايلار بىلەن شېرىكلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن "ئىچكى جەھەتتىكى ۋەقەلەرگە خىتاينىڭ ئۆزى ئىگە بولۇشىنى" تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.