مۇشۇ ئەسىردىكى يېڭى دۆلەت- شەرقىي تىموردا ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى بولۇۋاتىدۇ


2007.04.09

شەرقىي تىمور -مۇشۇ ئەسىردە شەرقى ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىدىكى تاقىم ئاراللاردا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىر مۇستەقىل دۆلەت. 1999 ‏- يىلى 8 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنى 78% خەلق مۇستەقىل بولۇشقا ئاۋاز بەرگەن ئىدى. شۇ يىلى 10 ‏- ئايدا ھىندونېزىيىنىڭ خەلق كېڭىشى شەرقىي تىموردىكى ئومۇم خەلق ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2000 ‏- يىلىدا مۇستەقىللىق جاكارلىغان ئىدى. 2002 ‏- يىلى 3 ‏- ئايدا شەرقىي تىموردا دۆلەتنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنى ماقۇللىنىپ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىگىلىك ھوقۇقى بار، مۇستەقىل، دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ يېڭى دۆلەتتە 2002 ‏- يىلى 4 ‏- ئايدا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەندە، مۇستەبىتلىككە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش بىلەن تونۇلغان شانانا گۇسىمو ئەپەندى 82% ئاۋازغا ئېرىشىپ پرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئىدى. شەرقىي تىمور خەلقى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 24 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەندىن كېيىن، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تىكلەش جەريانىدا، بىر نەچچە يىللىق پىكىر ئىختىلابى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى باشتىن كۆچۈرگەندىن كېيىن، بۇيىل 4 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنىدىن باشلاپ يەنە ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى.

شەرقىي تىموردا 2006 ‏- يىلى چوڭ قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن ئىدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شەرقىي تىمور 2000 ‏- يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تەدرىجى ھالدا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغان ئىدى. بۇرۇن شەرقىي تىموردا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلارنىڭ ئاساسىي ئاجىز بولغاچقا، بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتىش يولىدا ئوخشىمىغان پىكىر ، پىكىر ئىختىلابى ۋە تەرەپ رىقابىتى ئېغىر بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە زور داۋالغۇش پەيدا بولغان ئىدى. ھەتتا 2006 ‏- يىلى ھەربىي قىسىملار ئىچىدە ئىسيان چىقىپ، ئادەم ئۆلۈپ، جەمئىيەتتە زور قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، شەرقىي تىمور ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىبىگە بىنائەن ئاۋسترالىيە، پورتىگالىيە، مالايشىيا قاتارلىق كۆپ دۆلەت قىسىملىرى كىرىپ ۋەقەنى تىنجىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، شەرقىي تىموردا تىنچلىق ساقلاش ھوقۇقىنى بۇلتۇر 9 ‏- ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆتكۈزۈۋالدى. تەرتىپ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ھازىر شەرقى تىموردا ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى باشلاندى.

بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى مۇقىمسىزلىقنى ئاياقلاشتۇرىدۇ

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شەرقىي تىموردا بۇ قېتىم 4 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى باشلانغان ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىدا، بىرمىليون نوپۇسنىڭ ئىچىدىكى 500 مىڭدىن ئارتۇق لاياقەتلىك ئادەم ئۆزىنى سايلامغا تىزىملاتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 3000 كىشىلىك تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى بۇ قېتىمقى سايلامدا تەرتىپ ساقلاشقا قاتناشتى. شەرقىي تىمورنىڭ پايتەختى دىلى شەھىرىنى ئاساس قىلغان 700 دىن ئارتۇق سايلام پونكىتىدا، ھازىرقى 8 نەپەر پرېزىدېنت نامزاتىغا ئاۋاز بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ 8 نامزاتنىڭ ئىچىدە سابىق پرېزىدېنت شانانا گۇسىمو ئەپەندى ۋە ھازىرقى باش مىنىستىر، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 57 ياشلىق راموس خورتا ئەپەندىمۇ بار. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى رېسكى نىلسېن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى مۇقىمسىزلىق، بولۇپمۇ بۇلتۇر 5 ‏- ئايدا يۈز بەرگەن ھەربىي ئىسيان كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر يىللىق مۇقىمسىزلىق كرىزىسى ئاياقلىشىدۇ. سايلام نەتىجىسى 4 ‏- ئاينىڭ 11 ‏- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.

پرېزىدېنت گۇسىمو تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خورتا ئەپەندىنى تەۋىسىيە قىلماقتا

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تىمورنىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتى شانانا گۇسىمو بۇ قېتىمقى سايلام باشلانغاندىن كېيىن "سايلام ئەھلىنى قورقىتىش ياكى تەھدىت ئاستىدا قالدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ" دەپ جاكارلىغان، شۇنداقلا، ھازىر يەنىلا ئاۋازغا ئېرىشىۋاتقان گۇسىمو ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھازىر پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ۋە تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھازىرقى باش مىنىستىر خورتا ئەپەندىنى تەۋىسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىللدۈرگەن.

شەرقىي تىمور ھەققىدە قىسقىچە بايان

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، شەرقى تىمور 1775 ‏- يىلى پورتىگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1942 ‏- يىلىدىن 45 ‏- يىلىغىچە، ياپونىيىنىڭ ئىشغالىيىتىدە تۇرغان. 1945 ‏- يىلىدىن كېيىن ھىندونېزىيىنىڭ تېررىتورىسىيىگە قوشۇۋېلىنغان. ئەمما شەرقىي تىموردا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇستەملىكىچىلىككە ۋە ئىشغالىيەتكە قارشى ھەرىكەت توختىمىغان ئىدى. 1999 ‏- يىلى 8 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنى، ھىندونېزىيىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان شەرقىي تىموردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇشىدا يولغا قويۇلغان ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇشتا 78% خەلق مۇستەقىللىككە ئاۋاز بەرگەن ئىدى. شۇ يىلى 10 ‏- ئايدا، ھىندونېزىيە خەلق كېڭىشى شەرقىي تىموردىكى رېفىرەندومنىڭ نەتىجىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي تىمور 2000‏- يىلىدا مۇستەقىللىق جاكارلىدى. 2002 ‏- يىلى 3 ‏- ئايدا شەرقىي تىمورنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنى ماقۇللىنىپ، ئۇ ئىگىلىك ھوقۇقى بار، مۇستەقىل، دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ يېڭى دۆلەتتە 2002 ‏- يىلى 4 ‏- ئايدا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەندە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش بىلەن تونۇلغان شانانا گۇسىمو ئەپەندى 82% ئاۋازغا ئېرىشىپ پرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە توراقسىزلىق داۋاملىشىپ تۇرغان ئىدى.

شەرقىي ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىدىكى تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان شەرقىي تىمورنىڭ غەربى تەرىپى ھىندونېزىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقى تەرىپىدىكى قىرغاقلاردىن ئاۋسترالىيە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ يېڭى دۆلەتتە 10 دىن ئارتۇق مىللەت بار. نوپۇسى بىرمىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ 78%ى يەرلىك مىللەت. دۆلەت تىلى پورتىگالىيىچە. ئىنگىلىزچە ۋە ھىندونېزىيىچە سۆزلەشمۇ ئومۇمىيلاشقان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.