تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى قۇرۇلغانلىقى 20 يىللىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۇركىستان ۋەخپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى تەنتەنىلىك تەبرىكلەندى. تەبرىكلەش مۇراسىمىغا تۈركىيە ۋاخىپلەر ئىدارىسى مەسئۇللىرى، تۈركىيە زىيالىلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى پروفېسسور مۇستافا ئەركال، سۇلەيمانىيە ۋەخپى باشلىقى ئابدۇلئەزىز بايكال ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

بۇ پائالىيەت بىلەن بىرلىكتە 5 - ئاينىڭ 14 - كۇنىدىكى ئانىلار بايرىمىمۇ بىرلىكتە تەبرىكلەندى. يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپلۈكى ئالاھىدە دىققەت تارتتى. يىغىندا پروفېسسور مۇستافا ئەركال تۈركلەردە ۋەخپ ئەنئەنىسى تېمىسىدا، شەرقىي تۇركىستان ۋەخپى باشلىقى گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى تېمىسىدا، ۋەخىپ باش سېكرېتارى ھامۇت گۆكتۈرك بولسا شەرقىي تۇركىستان ۋەخپىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ئىشلىگەن مۇھىم خىزمەتلىرى تېمىسىدا سوز قىلغان. ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ۋاكالىتەن يازغۇچى شائىر نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم يېڭى نەشىر قىلىنغان شەرقىي تۇركىستان ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى ناملىق كىتابىنى تونۇستھۇرۇغان ۋە سوز قىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ۋەخىپ باشلىقى گېنېرال مەمەت رىزا بەكىن ۋە باش سېكرېتارى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدى.