شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى 17 كىشىلىك ھەيئەت بىلەن خەلقئارا فېستىۋالغا قاتناشتى


2006.06.23

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى 17 كىشىلىك ھەيئەت تەشكىللەپ تۈركىيىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان ساكاريا ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن غازى ۋە شېھىتلەرنى ئەسلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى

بۇ فېستىۋالغا بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان بولۇپ، ھەر دۆلەت ئوز سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن پوسما سەنئەت گۇرۇپپىسى سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. شائىرە نۇرئەلا گوكتۈرك خانىم بولسا "تۈركىستانىمغا"، "بىز كىم" دېگەن شېئىرلىرىنى ئوقۇپ مىڭلارچە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئاداپازارى شەھەر باشلىقى سۇلايمان دىشلى ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.