سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەرىپەتپەرۋەر زات قۇربان ئابدۇللا ھاجىم ۋاپات بولدى

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پېشقەدەملىرىدىن بولغان قۇر بان ئابدۇللا ھاجىم 2007- يىلى 15- دېكابىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە 84 يېشىدا ۋاپات بولدى. مەرھۇمنىڭ نامىزى شۇ كۈنى پېشىن نامىزىدىن كېيىن مەسچىد ھەرەمدە ئوقۇلۇپ، مەككىدىكى " مۇئەللا" قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

مەرھۇمنىڭ كۈيئوغلى بىلەن سۆھبەت

مەرھۇم قۇربان ئابدۇللا ھاجىمنىڭ كۈيئوغۇلى دوكتور ئابدۇل ئەزىز ئابدۇساتتار قېيىن ئاتىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" رەھمەتلىك ئاتىمىز قۇربان ھاجىمغا ئاللاھتىن كۆپ رەھمەت ۋە جەننەت تىلەيمىز. شۇنداقلا ئۆز دىنىنى ۋە جېنىنى قوغداش يولىدا ئانا ۋەتەندىن ئايرىلىپ مۇساپىرلىق كوچىسىغا چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان ۋە ئانا ۋەتىنىنىڭ تەشنالىقىغا قانالماي مۇساپىرلىقتا ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇيغۇر مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن."

مەرھۇمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

دوكتور ئابدۇل ئەزىز يەنە مۇنداق دېدى: " مەرھۇم ئاتىمىز قۇربان ھاجىم بۈگۈن 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ كىشىمۇ خۇددى باشقا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ئوخشاش ۋەتىنىدىن ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، ئاخىرقى پاناھگاھى مەككە مۇكەررەمە شەھىرى بولغان ئىدى.

مەرھۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى. مەرھۇم ئاتىمىز 1923 - يىلى قەشقەر يېڭىشەر ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىملىك خىزمىتىنى قىلغان ۋە 1948 - يىلى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ بۇ جايغا كەلگەن ئىكەن."

مەرھۇمنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھاياتى

دوكتور ئابدۇل ئەزىزنىڭ ئېيتىشىچە، مەرھۇمنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھاياتى جاپا بىلەن باشلانغان بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا تىجارەت يولى بىلەن بېيىغان ئىكەن. ئۇ خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى بولۇپ، 1997- يىلى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەر ناھىيىسىدىكى ئۆزى بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بىرىنچى باشلانغان مەكتىپىنى قايتا سېلىپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا تەخمىنەن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا پۇل سەرپ قىلغان ئىكەن.

مەرھۇم 4 قىز، 4 ئوغۇل، جەمى 8 بالىنىڭ ئاتىسى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھرىدە ئىستىقامەت قىلاتتى. ( ئۆمەرجان)