ش ھ ت رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشىگە سەھنە تەمىنلىگەن

0:00 / 0:00
shht-200.jpg
ش ھ ت يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى. AFP Chongaytip korung

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدىكى باشلىقلار يىغىنىدا ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىرانلار مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزالىقىغا رەسمى قوبۇل قىلىندى. موڭغۇلىيە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2004 - يىلدىكى باشلىقلار يىغىنىدا كۆزەتكۈچى ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان.

رۇسىيىلىك دىپلوماتلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىدە مەزكۇر ئورگانغا كۆزەتكۈچى ئەزا بولۇش مۈمكىنچىلىكى مەۋجۈتكەن.

ش ھ ت، ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنىشكە ئۈندىدى

يىغىننىڭ بىرلەشمە خىتاپنامىسىدا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرىنى تىلغا ئالدى. خىتاپنامىدا، ئافغانىستاندىكى تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر ئىتتىپاقداش ئەللەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئاساسى ئەسلىھەلەر ۋە بۇ دۆلەتلەرنى قاچانغىچە ئارقاسەپ بازىسى قىلىپ ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋاقىت جەدىۋىلى بەلگىلەشكە ئۈندەيدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.

ئافغانىستاندىكى تېرورىزىمغا قارشى كۈرەشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا قىرغىزىستاننىڭ ماناس ئايرودرومى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئىشلەتمەكتە ئىدى. ئەمما ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف، 13 - مايدا يۈز بەرگەن ئەنجاندىكى ئىسيانلاردىن كېيىن، ئامېرىكا ترانسپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ خانئاباد ئايرودرومىغا قونۇشىنى شۇنداقلا ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كېچىسى ئۇچۇشىنى چەكلىگەن.

ئامېرىكا : مەسىلە ئۆزبېكىستاننىڭ قارارىغا باغلىق

KAZAKHSTAN-RUSSIA-CHINA--59.gif
قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن. AFP

ئامېرىكا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاپنامىسىغا چارشەنبە كۈنى ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى،" ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى بازىلىرىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ياكى قالماسلىقىنى پەقەت ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىلا قارار قىلىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا 15 مىليون دوللار ئىجارە ھەققى تۆلىگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى قانداق قارار چىقارسا، ئامېرىكىنىڭ شۇنىڭغا كۆرە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد سالىھ: خىتاي رۇسىيىگە قارىغاندا خەتەرلىك

ئەمما چەتئەلدىكى ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلەر فرونتىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد سالىھنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆزبېكىستاندا 2 - بىر دۆلەتنىڭ قوشۇن تۇرغۇزۇشىغا توغرا كەلسە، دېموكراتىك قىممەت قارىشىغا ئىگە بىر دۆلەتنىڭ قوشۇن تۇرغۇزىشى ئۆزبېكىستاننىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن. مۇھەممەد سالىھ خىتاينى رۇسىيىگە قارىغاندا خەتەرلىك دۆلەت، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي، ئاستانىدىكى بۇ قېتىمقى يىغىندا شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى شۇنداقلا 2006 - يىلدىكى باشلىقلار يىغىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلار يىغىنى بۇ يىل كۈزدە موسكۋادا چاقىرىلىدىكەن.

خىتاي، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىردى

بۇ قېتىمقى يىغىنىدا بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىملەر جىددى ئەھۋاللاردا ئەزا دۆلەتلەر ئۆز ئارا بىر - بىرىگە ياردەم بېرىش، شاڭخەي گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر زېمىنىدا ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە دائىر قىسىمى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يىغىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، "بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىمىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك، بولمىسا مۇقىملىق توغرىسىدىكى سۆھبىتىمىزنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.

كېرىموفنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ

قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېۋنىڭ قارىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق گۇرۇھىنىڭ ئىككى ئاساسلىق ۋەزىپىسى بار. قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېۋن مۇنداق دەيدۇ: " بۇنىڭ بىرى، خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش. ئىككىنچىسى، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش".

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كېرىموفنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولۇپ، "مەزكۇر رايوننىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئېنىقسىز ئەھۋالدا تۇرماقتا."

ش ھ ت نىڭ كېلەچىگى توغرىسىدا ئوخشىمىغان پىكىرلەر بار

نەزەربايېۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ خەلقئارا ئورنى، ئىناۋىتى ۋە تەسىرى كۈچەيمەكتىكەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ كرىزىسكە پېتىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات يېقىندا قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئالدىدا ئامالسىز قالغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەتى ئوخشىمايدىكەن. موسكۋا كارنىگىي فوندى جەمئىيىتىدىكى خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسى مىخىيېۋنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەتى ئۆز ئارا سىغىشالمايدۇ. مىخىيېۋ، "خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى پائالىيىتى رۇسىيىدىكى شۇڭقارلار قاتلىمىنىڭ ھۇشيارلىقىنى قوزغىماقتا،" دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي، رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى بولالمايدۇ

رۇسىيىنىڭ خاباروۋىسكىي چىگرا رايون رەھبىرى ئىسايېۋنىڭ قارىشىچە، جوڭگو رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى بولالمايدۇ شۇنداقلا خىتايلار كەلگۈسىدە رۇسىيىگە كېڭىيىشنى كۈچەيتىدۇ. ئۇ، كەلگۈسى 10 - 15 يىلدىن كېيىن خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ رەھىمسىز تۈس ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)