شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى غەربكە قارشى كۈچ ئۇيۇشتۇرماقتا


2005.10.26
RUSSIA-CHINA-JIABAO-PUTI-60.jpg

رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى موسكۋادا جەم بولدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموكراتىك ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋالغۇشلار، ئامېرىكا –ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق تۈردە قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى ساقلاپ قېلىشقا قارار قىلىشى شۇنىڭدەك خىتاي-ئامېرىكا، ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى بىر قاتار يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەر باش مىنىستىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىغا تۇتقان سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك پوزىتسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز كۆزلىگەن مەقسەتلىرى ئىپادە قىلىندى

گەرچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆز ئالدىغا قويغان مەسىلىلىرى مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن ئورتاق بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ھەر قايسىسىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتىن ئېرىشمەكچى بولغان ئايرىم سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ئىستراتېگىيىلىك مەقسەتلىرى بارلىقى ئىپادە قىلىنغان. رۇسىيىنىڭ ئىنتېرنېت خەۋەر تورى ھېسابلانغان www.strana.ru دىكى ۋە رۇسىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى ھېسابلانغان ئىنتېرفاكسنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، يىغىن جەريانىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جيباۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىش بىلەن خىتاينىڭ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرگە بەرمەكچى بولغان قەرزىنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

www.strana.ru نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئۆتكۈر سۇلتانوپ بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قاتناشنى كۈچەيتىپ، ترانسپورت تورى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. قىرغىزىستان باش مىنىسىتىرى فېلىكىس قۇلۇپنىڭ پىكرى باشقىچە بولۇپ، ئۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرغىچە تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلغانلىقىنى، ئەمما ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، بۇ كۈرەشتە غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كەمبەغەلچىلىكنى يوقىتىپ، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك قۇرۇشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.

رۇسىيە باش مىنىستىرى فرادكوپ بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم تېخنىكىسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنى شۇنىڭدەك يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئامېرىكىغا قارشى ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇشمۇ؟

گەرچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە ۋە خىتاي ئۆزلىرىنىڭ ھېچقاچان ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىسىمۇ ئەمما، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە رۇسىيە –خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي-سىياسىي شۇنىڭدەك ئېنېرگىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنپەئەتلىرىنى چەكلەش ،ئىمكان قەدەر ئۇنى رايوندىن ھەيدەپ چىقىرىشنى كۆزلەۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇ ئىران، پاكىستان، ھىندىستان ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنىمۇ بۇنىڭغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس، ئۆزبېكىستانلىق سىياسىي مۇلاھىزىچى، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموفنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى جاھانگىر مەمەتوپ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق توختىلىپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ئوتتۇرىغا قويدى.

جاھانگىر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتىدە ئاشكارىلىنىش بولدى. رۇسىيە ۋە خىتاي ئىسلام كېرىموفنىڭ دېموكراتلارنى باستۇرۇشىنى قوللىدى، ئەمما ئامېرىكا ئۇنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىرغىزىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىلىرىنى تاقاش تەلىپىنى ئىنكار قىلدى. يېقىنقى ۋاقىتلار ئىچىدە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى رامسفېلد ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىززا رايىس ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلدى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە خىتاي بىلەن رۇسىيىگە ياقمىدى.

مەنپەئەتلەر توقۇنۇشى

11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن يېڭى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا ئالدى بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيە نارازى بولدى، ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق باشلىنىپ، ئامېرىكىنى رايوندىن سىقىپ چىقىرىشقا تىرىشتى. چۈنكى، رۇس ئانازلىچىسى ئارېشېۋنىڭ يېزىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ھەرىكىتىگە قارشى ۋاشىنگتون ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللاپ كەلگەن بولۇپ، 1950-يىلىدىن ئېتىبارەن ۋاشىنگتون قازاقىستان، قىرغىزىستان چېگرالىرىغا يېقىن بۇ ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلغان خەلقلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. جورجى بۇش خىتاي رەئىسى جاڭ زېمىن بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ،" تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشنى ھېچقاچان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىلمەسلىكى لازىم" دېگەن. ئارېشېۋنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە تۇتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.

جاھانگىر مەمەتوپنىڭ قارشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈنسايىن كۈچۈيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولغان بولۇپ، ئۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە بۇ رايوندىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى قوللىشىنى ئۆزى ئۈچۈن پايدىسىز دەپ ھېسابلىغان.

قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى رامىزان دىرىلدايېۋ ئەپەندى بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى "ئىنسان ھوقۇقىنى بۇزۇدىغان دۆلەتلەر كۇلۇبى" دەپ ئاتىغان.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.