شاڭخەي ھەمكارلىقى رامكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى


2006-03-06
Share
KAZAKHSTAN-RUSSIA-CHINA--59.gif
2005-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا. AFP

يېقىندا رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى ئالتاي دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، رۇسىيە سىياسەت پەنلىرى جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىر ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا سىبىرىيە رايونىدىكى تومسك سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېۋگېنى ساۋكوۋىچ ۋىلادىمىروۋىچ "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى" دېگەن تېمىدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان. . رۇس ئاپتورى ئېۋگېنى ساۋكوۋىچ ئۆز ماقالىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ھازىرقى ئەھۋالى جۈملىدىن ئۇنىڭ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلەردە تۇتقان ئورنى ھەمدە خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى توغرىسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۇيغۇر مەسىلىسى قەرت قىلىپ ئوينالدى

ئېۋگېنى ساۋكوۋىچنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى دىپلوماتىيىلىك قەرت بولغان. ئۇنىڭ يېزىشىچە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ھۆكۈمەتلىرى ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرى تېررىتورىيىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا نىسبەتەن جىددىي مۇئامىلىدە قارايدۇ.

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ "ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئويناتقان بولۇپ"، بۇ 90-يىللارنىڭ بېشىدىكى قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ ئارىسىدا مۇرەككەپ ۋە جىددىي مۇناسىۋەتلەر مەۋجۇت بولغان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. ھەر قايسى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى نازاربايېۋنىڭ قولىدا ئۇنىڭ بېيجىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدىكى قەرتكە ئايلانغان ئىدى. ئۇ چاغدا قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا چېگرا كېلىشى مەسىلىسى بويىچە مۇرەككەپ سۆھبەتلەر داۋاملاشقان بولۇپ، خىتاي تەرەپ ئۆزىنى ناھايىتى قاتتىق تۇتقان، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ھۆججەت 1995-يىلىدىكى "قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆز-ئارا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى راۋاجلاندۇرۇش ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتى "بولۇپ، بۇنىڭدا ئىككى تەرەپ سىياسىي ساھەدە بويىچە ھەرخىل شەكىلدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، بىر-بىرىنىڭ تېررىتورىيىلىرىدە ھەر قانداق تەشكىلات ۋە كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ھەم بىر-بىرىگە قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىگە يول قويماسلىق ..." دېگەندەك مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان. 1996-يىلىدىكى ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتىدىمۇ مەزكۇر نۇقتا قايتا تەكىتلەنگەن.

قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئاشكارىلانمىغان پۈتۈشۈم بولغان

ئاتاقلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھاشىر ۋاھىدىنىڭ قەست قىلىنىشى ئەنە شۇ قازاقىستان –خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئېۋگېنىي ساۋكوۋىچنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىدىكى ھەرىكىتىنى كېسىپ تاشلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئاشكارىلانمىغان كېلىشىم ماددىلىرى بولغان. "ئاتاقلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھاشىر ۋاھىدىنىڭ قەست قىلىنىشى ئەنە شۇ قازاقىستان –خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرىنىڭ بىرىدۇر" دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ ئېۋگېنى ساۋكوۋىچ. ئۇ بايانلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:

1996-يىلى خىتاينىڭ تەكلىپى ۋە رۇسىيىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن شاڭخەي بەش دۆلەت تەشكىلاتى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاشكارا ھالدا مۇزاكىرە قىلىنغان.

"كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە" دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ رۇس مۇتەخەسسىسى ئېۋگېنى ساۋكوۋىچ - " خىتاي ئالاھىدە خىزمەت ئورگىنى قازاقىستان تېررىتورىيىسىدە ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان كۈرەشنى ئاكتىپ ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، شۇ يىلى ئاپرېلدىكى شاڭخەي بەشلىكىنىڭ يىغىنىدا خىتاي، رۇسىيە قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي تازىلاشقا يېشىل چىراغ ياندۇرۇپ بەرگەن. "جىنايەتچىلىككە قارشى تۇرۇش" دېگەن ماددىنىڭ ئورنىغا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش" دەپ ئاتالغان خىتايدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ماددا ئالماشتۇرۇلغاندىن سىرت يەنە "ئىسلام رادىكالىزىمىغا قاشى كۈرەش قىلىش" قوشۇلغان. 1996-يىلى ئاپرېلدىن باشلانغان يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىشتە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغان 115 ئادەم سوت قىلىنماستىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە 100 مەسچىت ۋە دىنىي مەكتەپ تاقالغان ھەمدە يېرىم مىليون پارچىدىن ئارتۇق مىللىي تىلدىكى نەشىر ماتېرىياللىرى كۆيدۈرۈلگەن"، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان رەسمىي پوزىتسىيىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توقايېۋ تەرىپىدىن ئىپادە قىلىنغان. توقايېۋ " كۆپلىگەن دۆلەتلەردە بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسى مەۋجۇت. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ مەسىلىگە ئېغىر مۇئامىلە قىلىدۇ" دېيىش ئارقىلىق قازاقىستان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى ئاقلىماقچى بولىدۇ"

خىتاي ئىچكى مەسىلىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى سەۋىيىسىدە ھەل قىلماقچى بولغان

ئېۋگېنى ساۋكوۋىچنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىچكى بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسىنى ئىككى تەرەپ سەۋىيىسىدە ھەمدە كۆپ تەرەپ ئاساسىدا جۈملىدىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا ھەل قىلماقچى بولغان. قازاقىستاننىڭ بىر قاتار ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكلىلاتىنىڭ قازاقىستان بىلەن قوشنا خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قاتتىق مىللىي سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھۆججەتلەرنى ئىمزالىغانلىقىنى كۆرسىتىشكەن. خىتاي يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى تېررورىزم بىلەن باغلاپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى دەپ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ رۇسىيە مۇتەخەسسىسى ئېۋگېنى ساۋكوۋىچ. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت