شىئەندىكى 'تۈرك پرامىدالىرى' قانداق بىر پىرامىدا؟

يېقىندىن بۇيان بەزى ئىزدەنگۈچىلەر شئەننىڭ لىڭتۇڭ ناھىيىسى ئەتراپىدا چوڭ - كىچىك يۈزدىن ئارتۇق "پرامىدا" نىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ پرامىدالارنىڭ قەدىمىي تۈركىي خەلقلەرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-04-05
Share
uygur-pramidaliri-305 ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﺮﺍﻣﯩﺪﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﻯ. ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ، http://www.turkdirlik.com ﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﻣﯘﻫﺎﺭﺭﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭽﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
Source: http://www.turkdirlik.com / by Muharrem Kılıç

بۇ ھەقتىكى خەۋەر ۋە رەسىم كۆرۈنۈشلىرى ھەر قايسى تور بەتلەردە تارقىلىپ، قىزغىن مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. يېقىندا تۈركىيىلىك بىر ئىزدەنگۈچى ۋە يازغۇچى بولغان ئوكتان كەلەش بۇ تۆپىلىكلەرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ تۈرك مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن مەلۇماتىدا،ئۆزىنىڭ پرامىدالارنىڭ ئىچىدە قەدىمىي مۇميالارنى ۋە تاملارغا ئويۇلغان ئاي، يۇلتۇز ۋە بۆرىنىڭ باش سۈرىتىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ تۆپىلىكلەرنىڭ قەدىمىي تۈركلەرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنداقتا، قەدىمىي تۈركلەرگە ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ پرامىدالار زادى قانداق پرامىدا ؟ بۇنىڭ قەدىمىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى بىلەن قانچىلىك باغلىنىشى بار؟ بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
uygur-pramidaliri-200
http://www.turkdirlik.com / ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﺮﺍﻣﯩﺪﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﻯ
http://www.turkdirlik.com

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پرامىدالارنى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دەسلەپتە بىر ئامېرىكىلىق ليۇتچېك بايقاپ، ئۇنىڭ رەسىملىرىنى تارتىپ ئېلان قىلغان. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە بۇ مەسىلىگە ھېچكىم قىزىقمىغان. ئەمما كېيىنكى يىللاردا بۇ مەسىلىگە بولغان قىزىقىش ئارتىپ ئىزدەنگۈچىلەر مەزكۇر ئورۇنغا بېرىپ ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەسلىدە مازارلىق بولۇپ، تاڭ دەۋرىدە ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ دەپنە قىلىش ئادەتلىرى قوبۇل قىلىنغان. تاڭ دەۋرىدىكى پادىشاھلار ۋە گېنىراللار تۈركلەرنىڭ دەپنە قىلىش ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئەنە شۇنداق پرامىدالارغا ئوخشايدىغان ئىگىز - ئىگىز قۇرغانلارنى(مازارلارنى) ياساتقان. ئەلۋەتتە بۇ قۇرغانلارنىڭ ئىچىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا، ئۇيغۇرلارغا، قەدىمىي تۈركلەرگە ئائىت كىشىلەرنىڭ مازارلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇ مازارلىقلار ئەينى ۋاقىتتا تاڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان، شۇ يەرلەردە تىجارەت قىلىۋاتقان كىشىلەرگە ئائىت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. مانا بۇ خىل چىرايى خىتايغا ئوخشىمايدىغان مۇميالارنىڭ كىشىلەردە بۇ مازارلىقلار تۈركلەرگە ئائىت بولۇشى مۇمكىن دەيدىغان بىر چۈشەنچىنى پەيدا قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما،دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇ خىل كۆز قاراشلارنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئىزدىنىش روھىنى قوزغاشقا ۋە تېخىمۇ كۆپ تارىخىي سىرلارنىڭ يېشىلىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.