ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قەشقەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى


2007.11.12

بۇ يىل 8 ‏- نويابىر كۈنى، خىتاي سوتى قەشقەردە ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، پامىر تېغىدا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ئېتىشىپ قولغا ئېلىنغان، 6 نەپەر ئۇيغۇر مۇستەقىللىق جەڭچىسىنى ئۆلۈمگە بۇيرىغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، : ھۆكۈمنامىدە، مەھكۇملار بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن، دېمەك،خىتاي ئولىمپىكنىڭ ھارپىسىدىمۇ، ئۆكتىچى سىياسىي كۈچلەرنى قاتتىق باستۇرىۋاتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي كۈز قاراشتىكىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشى خەلقئارا قانۇنلارغا تامامەن خىلاپ دەپ ئەيىبلىدى.

ETIC : " ئۇلار ئەركىنلىك جەڭچىلىرى"

گېرمانىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تـۈركىستان ئاخبارات مەركىزى، خىتاي سوتىنىڭ 6 ئۇيغۇر ئۈستىدىكى ھۆكۈمىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت تېررورىنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسەتتى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن :

خىتاي سوتى مەھكۇملارنىڭ، شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىقى ئۇچۇن تەشكىللىنىشىنى، بۆلگۈنچىلىك دەپ ئەيىبلىگەن، بىز ئۇنى،خەلقئارا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇچۇن كۈرەش قىلىش دەپ قارايمىز.

شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى تېنچلىق يولى بىلەن ئېلىپ بېرىش پۈتۈن شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسى ؛ ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئوز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھېچ بىرىگە، ئەركىن پىكىر قىلىش ۋە تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش ئەركىنلىكىنى بەرگىنى يوق؛ شۇڭا بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قوراللىق كۈرەش يولىغا مېڭىشىدا مەسئۇلىيەتنى خىتاي تەرەپتە دەپ قارايمىز.

تۇيغۇنجان ئابدۇۋېلى: " ئۇلار بىزنىڭ پەخرىمىز"

كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن تۇيغۇنجان ئابدۇۋېلى ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان 6 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى يولىدا تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ بىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇ يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا خروئىن زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئەيدىز كېسىلىگە يولۇقۇپ ئۆلۈۋاتقان ئونمىڭلارچە ئويغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سېلىشتۇرۇپ، شەرەپلىك ئۆلۈم دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۇيغۇنجان ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، شېھىد ئائىلىلىرىگە ئالاھىدە ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1 ‏- ئاينىڭ بېشىدا، پامىر تېغىدا ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر يەر ئاستى شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتى بىلەن خىتاي ساقچى قىسىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۇز بەرگەن، توقۇنۇشتا، خىتاي تەرەپتىن بىر كىشى ئۆلگەن ۋە بىر كىشى يارىدار بولغان، يەر ئاستى تەشكىلات ئەزالىرىدىن 18 كىشى ئۆلگەن ۋە 17 كىشى قولغا ئېلىنغان. ئەمما بەزى تولۇقسىز مەلۇماتلار، خىتاينىڭ ئۆزى تەرەپتىن ئۆلگۈچىلەر سانىنى يوشۇرۇپ ئاز كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقنىڭ 8 ‏- نويابىردىكى خەۋىرىدە، توقۇنۇشنى 25 ‏-دېكابىر ۋەقەسى دەپ تىلغا ئالغان ئەمما مەھكۇملارنىڭ قولغا ئېلىنغان كۈنىنى 1 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى دەپ كۆرسەتكەن، بۇ مەلۇمات ئىككى تەرەپ ئارىسىكى توقۇنۇشنىڭ ئاز دېگەندە 11 كۈن داۋام قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئەھۋال خىتاي تەرەپنىڭ ئۆز تەرىپىدىن ئۆلگۈچىلەر سانىنى يوشۇرغانلىقى ھەققىدىكى تولۇقسىز مەلۇماتلارنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەرخىل ئوغلانلىرى دەپ باھا بەرگەن ئالتە كىشى: ئابدۇۋېلى ئىمىن، مۇختەر سېتىۋالدى، قۇربان مامۇت، ئەخمەت راخمان، ئىمىن مېھمان، پەرھات ياقۇپ قاتارلىقلاردۇر. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.