ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە شىمالىي كورىيىنى يادرو دۆلىتى دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى


2006.11.07

"بىرلەشمە ئاگېنتلىىقى"نىڭ سئۇل شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولاس بۇرن بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش قوراللىرىنى تىزگىنلەش ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى روبرت جوزىپ 7 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بۇنىڭدىن كېيىن كوممۇنىست دۆلەتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان قورالسىزلاندۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبەتلەردە، شىمالىي كورىيىنى يادرو دۆلىتى دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ، دەپ جاكارلىدى. ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقىرىي دەرىجىلىك سۆھبىتىدە يەنە، ب د ت پىنيوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا قارىتا 9 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى چىقارغان ئىقتىسادىي جازا قويۇش قارارىنى ئەمەلىلىيلەشتۈرۇشتە، شىمالىي كورىيىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان قوراللارنى سېتىش ۋە يۆتكىشىنى چەكلەش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى راۋمۇھىن كورىيە تاغلىرىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىشقا ۋەدە بەردى

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا ئۆتكەن ھەپتىدە، پىنيوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو سىنىقى پەيدا قىلغان جىددىيلىكنى پەسەيتىش ھەققىدە پىكىردە بىرلىككە كەلگەن ئىدى. جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى راۋمۇھىن بۈگۈن قىلغان سۆزىدە، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى "كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن گۆر قازغانلىق" دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، ھازىر جەنۇبىي كورىيىدە ھوقۇق تۇتۇۋاتقان پارتىيە بىلەن بىرلىكتە كورىيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بۆلۈنمە ھالەتنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ، كورىيە تاغلىرىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىشقا ۋەدە بەردى.

روبېرت كىممت بىلەن تاروئاسو ب د ت نىڭ قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

"فرانسىيە ئاگېنتلىقى"نىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى روبېرت كىممت ۋاشىنگتوندا، ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى تاروئاسو بىلەن ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورىيىگە ئىقتىسادىي جازا قويۇش ھەققىدىكى 5 ‏- ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان 1695‏- نۇمۇرلۇق قارارى بىلەن 9 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان 1718 ‏- نۇمۇرلۇق قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تەدبىرلىرىنى، بولۇپمۇ پىنيوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە مۈلكىنى چەكلەش ۋە ئاتوم بومبىسى ئىشلەش يوللىرىدىن ئىراننىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

خەلقئارا جەمئىيەت ئەمدى شىمالىي كورىيىنىڭ تۈزۈمىنى قوبۇل قىلمايدۇ

ئەنگىلىيىنىڭ باش مىنىسىتىرى تونى بىلاير توكيودا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە " خىتاي 31 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى شىمالىي كورىيە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىپ يادرو قورال پىلانىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قوشۇلدى، دەپ خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، بىرھەپتە ئۆتمەيلا، ياپونىيىنىڭ سۈنئىي ھەمرالىرى شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى بايقىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى پەقەت ئۆزلىرىلا چۈشەنسە كېرەك. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 2002 ‏- يىلى شىمالىي كورىيە، ئىران، ئىراقلارنى "ئالۋاستىنىڭ چاتما زەنجىرى" دەپ ئاتىغان ئىدى. بۇ زەنجىرنىڭ بىر چاتمىسى گەرچە ھازىر بۇزۇپ تاشلانغان بولسىمۇ، ئەمما قالغان ئىككى چاتمىسى تېخىچە مەۋجۇت. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، خەلقئارا جەمئىيەت ئەمدى شىمالىي كورىيىنىڭ بۇنداق تۈزۈمىنى قوبۇل قىلمايدۇ " دېگەن.

شىمالىي كورىيىدە مېيىپ- مەجروھ كىشىلەر بىئو‏-خېمىيىلىك قوراللارنى سىناش ئوبىكتى قىلىنماقتا

ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "كۈندىلىك تىز خەۋەر گېزىتى" نىڭ 7 ‏- ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سانىدا ئاشكارىلىنىشىچە، كىم يوڭئىلنىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شىمالىي كورىيىدىكى مېيىپ- مەجروھ كىشىلەرنى 49 ‏- رايون دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايغا توپلىغان، ئۇلار ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن زارلىنىدۇلا ئەمەس، بەلكى ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىدۇ، ھە دېسىلا تاياق زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى شۇكى، بۇ رايۇنغا توپلانغان مېيىپ-مەجروھ كىشىلەرنى ھەربىيلەر خالىغان ۋاقىتتا باغلاپ ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى بىئو‏-خېمىيىلىك قوراللارنى سىناش ئوبىكتى قىلىدۇ.

خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان "ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگ" تۇمان ئىچىدە فرانسىيە ئاگېنتلىقنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ياڭ جېچىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولاس بۇرن ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگ ئېلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار بۇ قېتىم ھەر ئىككى تەرەپ قىزىقىدىغان رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىدۇ. شىمالىي كورىيە ھازىر ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىگە جازا قويۇش قارارىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ياپونىيىنى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىن چىقىرىۋىتىشنى سۆھبەت باشلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە شىمالىي كورىيىنى يادرو دۆلىتى دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھازىر خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىستراتېگىليىلىك دىئالوگ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدىن ئىبارەت تۇمان ئىچىدە قالدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.